باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كارخانىلارنى قورغاسقا مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2 مىليون 220 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ

2018.01.30 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئېتىبار سىياسىتىگە ئاساسەن، كارخانىلارنى قورغاسقا مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلالىغان شەخسلەر ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2 مىليون 220 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.

  «قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى مۇكاپاتلاش سىناق چارىسى»دا بەلگىلىنىشىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قوللايدىغان تۈردىكى يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى مەبلەغ سېلىش توختامىدىكى كېلىشىلگەن ۋاقىتتا پۈتۈشىگە قاراپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنىڭ تاماملانغان ئومۇمىي سوممىسىغا قاراپ، مەبلەغ جەلپ قىلغان تەرەپكە بىر قېتىمدىلا مۇكاپات بېرىلىدۇ. كەسىپلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقى بويىچە، مۇكاپاتلاش سوممىسىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 2 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت مەبلەغ سالغان كارخانىنىڭ سۈپىتىگە قاراپ، يەنە 20 مىڭ يۈەن بىلەن تارتۇقلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر