باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۆز تەۋەسىدىكى چەتئەللىكلەرنىڭ يېنىدا ھەمىشە چوقۇم كىملىك ئېلىپ يۈرۈش كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئۇلارغا قاماق جازاسى بېرىلدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

2018.01.30 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى دۆلىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، تەۋەسىدىكى چەتئەللىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدىكى چەتئەللىكلەر، چوقۇم كىملىك ئېلىپ يۈرۈش كېرەك، ئۇنداق بولمىسا قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ۋە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  يەمەن ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 29- يانۋاردىكى كەچلىك خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاسپورت باش ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: سەئۇدى ئەرەبىستانىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستانى چېگرىسى ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان چەتئەللىكلەر بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېنىدا كىملىك ئېلىپ يۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى پاسپورت ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر يېنىدا كىملىك ئېلىپ يۈرمىسە، ئۇنداقلارغا ئالتە ھەپتىلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ھەمدە 3000 رىيال (سەئۇدى پۇلى، تەخمىنەن 800 ئامېرىكا دوللىرى) جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  خەۋەر ئوبزورىدا مۇندا دېيىلگەن: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئەنسىزلىك ئامىللىرى كۆپىيىپ، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆپ قېتىملاپ يۈز بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللىكلەر. نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 12 مىليوندىن ئارتۇق چەتئەللىك بار، شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنىڭ مەقسىتى ئەسەبىي كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر