باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئالتۇن كەمەر» تاقىغان ئەزىمەتلەر

2018.01.30 16:39   مەنبە: خەلق تورى

«ئالتۇن كەمەر» تاقىغان ئەزىمەتلەر

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت، پىراكتىكانت تۇمارىس ئەسقەر) 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى نەننىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2017-يىللىق «جۇڭگو بوكس شاھى»لىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى مەمەتتۇرسۇن چوڭ كۈچلۈك رەقىبىنى يېڭىپ، «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن نامغا ئېرىشىپ، «ئالتۇن كەمەر»نى بىلىگە تاقاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بوكسچىلىقى ئۈچۈن كاتتا شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەممىمىزنى قەۋەتلا خۇش قىلغانىدى. 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ بوكسچىلىقىدا يەنە بىر خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى. شۇ كۈنى خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 75 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېتىلىۋاتقان ياش بوكس ماھىرى توختاربېك تاڭلاتقان 2016-يىللىق «جۇڭگو بوكس شاھى»، خاڭجۇ ماھىرى ۋېن يىڭخاڭنى يېڭىپ، «ئالتۇن كەمەرنى»نى قولغا كەلتۈردى. ئارقا-ئارقىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن بۇ شەرەپلىك نام ئاپتونوم رايونىمىز بوكسچىلىقىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى يۇقىرى سەۋىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىپتىخارلاندۇردى. شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەمەتتۇرسۇن چوڭ بىلەن توختاربېك تاڭلاتقاننىڭ 2017-يىللىق «جۇڭگو بوكس شاھى»لىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە «ئالتۇن كەمەر»نى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدەك كاتتا غەلىبىسىگە يەنە بىر قېتىم تەنتەنە قىلدى.

  ئۇقۇشىمىزچە، 2017-يىللىق «جۇڭگو بوكس شاھى»لىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بوكس-تەپمە بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، جۇڭگو بوكسچىلار جەمئىيىتى ۋە «داتاڭ» گۇرۇھى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بوكس مۇسابىقىلىرى ئىچىدىكى دەرىجىسى ۋە سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، مەملىكەت مىقياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ماھىرلار قاتنىشىدىغان مۇسابىقە ھېسابلىنىدىكەن. بۇ مۇسابىقە 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، شۇ يىلقى مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان ماھىرلارغا «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن ناملا بېرىلگەن، 2017-يىلىدىن باشلاپ، «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن نام بىلەن «ئالتۇن كەمەر»نى تەڭ بېرىشكە ئۆزگەرتىلگەن.

  شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئابدۇشۈكۈر مىجىت مۇنداق دېدى: بۇ مۇسابىقىگە بىز ناھايىتى پۇختا تەييارلىق قىلدۇق. ئىككى ماھىرىمىز ئالدىنقى يىلىدىكى «جۇڭگو بوكس شاھى»لىرىدىن بۇ نامنى تارتىۋېلىپ، «ئالتۇن كەمەر»نى تاقىدى. دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار شىنجاڭ بوكس كوماندىسى پېشقەدەم ماھىرلارنىڭ ئورنىغا ياش ماھىرلار ئالمىشىش ۋەزىپىسىنى ناھايىتى ياخشى تاماملاپ، كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پۇختا ئاساس سالدى، دېگەن مەزمۇندا خەۋەر-ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدىن ئەڭ ياخشى «مايسا»لارنى تاللاپ، ئەڭ ياخشى مەشىق شارائىتى ھازىرلاپ، ئۇلارنى سىستېمىلىق مەشىقلەندۈرۈپ، ئەڭ ياخشى تېخنىكا-تاكتىكىلارنى ئۆگىتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. مەمەتتۇرسۇن چوڭ، توختاربېك تاڭلاتقاننىڭ كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىمۇ شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ بايراقدارى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  __ مەن 16 يىلدىن كۆپرەك بوكسچىلىق ھاياتىمدا ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇستازلىرىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 30 نەچچە قېتىم چېمپىيون بولدۇم. ئۇستازىم ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ ئىزىنى بېسىپ، «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىش ئۇزاق يىللىق ئارزۇيۇم ئىدى، بۇ قېتىم بۇ ئارزۇيۇمغىمۇ يەتتىم،−دېدى مەمەتتۇرسۇن چوڭ،− بۇ مۇسابىقىگە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ماھىرلارنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. مەن 1-مەيدان مۇسابىقىدە كوماندىمىزدىكى يېتىلىۋاتقان ياش بوكسچى قەيسەر تاشمۇھەممەت بىلەن مۇسابىقىلەشتىم. قەيسەر بىلەن ئۇزاق مەزگىل بىللە مەشىق قىلغاچقا، بىر-بىرىمىزنى ياخشى چۈشەنگەچكە، مۇسابىقىلىشىش تېخىمۇ تەسكە چۈشتى. تۇنجى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق باسقاندىن كېيىن كونا رەقىبىم، دۆلەت بوكس كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ليۇ ۋېي بىلەن ئۇچراشتىم. ليۇ ۋېي دۆلەت كوماندىسىنىڭ پېشقەدەم غوللۇق ماھىرى، 2016-يىللىق بىرازىلىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقانىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن دۆلەت كوماندىسىدا ئۇزاق مەزگىل بىللە مەشىق قىلغان، نۇرغۇن مۇسابىقىلەرگە چۈشكەن، ئەمما ئۇنىڭغا ئۇتتۇرۇپ باقمىغانىدىم. شۇنداقتىمۇ ئۇستازىم ھەم دۆلەت كوماندىسىدىكى تىرېنېرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ مەيدان مۇسابىقىگىمۇ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردىم. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى كونا رەقىبىم، مەملىكەت ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ئىچكى موڭغۇللۇق ياش ماھىر خۇرىنچابىلېگ بىلەن مۇسابىقىلەشتىم. مۇسابىقە جەريانىدا بىرئاز قىيىنچىلىقلار بولدى. كەينى-كەينىدىن يۇقىرى بېسىم ئىچىدە كۈچلۈك رەقىبلەر بىلەن مۇسابىقىلەشكەندىن كېيىن، بەدەن قۇۋۋىتىم زىيادە خوراپ، بىر ھەپتە ئاغرىپ يېتىپ قېلىپ، تولۇق ئەسلىمگە كېلىپ بولالمايلا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتىم. تەييارلىق دېگەندەك پۇختا بولمىغاچقا، بىر ئاز ئەنسىرىگەنىدىم، ئەمما يەنىلا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاخىر ئۇزاق يىللىق ئارزۇيۇمغا يەتتىم. ھازىر بىز 2018-يىللىق ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، 2020-يىلى توكيۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ، ۋەتەنگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم.

  __ مەن بۇلتۇر تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالنى تارتقۇزۇپ قويۇپ، تولىمۇ ئازابلانغانىدىم،− دېدى توختاربېك تاڭلاتقان،− بۇ قېتىم تەييارلىقنى تېخىمۇ پۇختا قىلىپ، ئاخىر بۇ شەرەپكە ئېرىشتىم. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، بۇنىڭدىنمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇستازىمنىڭ ۋە مەندىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان ھەممەيلەننىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامى ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى ب…
    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغان…
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى 
    ·بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەنبەسى كېڭەيتىلىپ كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەرگە …
    ·شىنجاڭدىكى 20 ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلان…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق-پەزىلىتى قىزىل سىزىقىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، ئۇقۇغۇچىلارغ…
    ·نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكەن يىلى ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچى480 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتتى
    ·قازاقىستاننىڭ پولات-تۆمۈر شەھىرىدە «قارا قار» ياغدى