باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پارتىيە بەدەل پۇلىدىن 156 مىليون 700 مىڭ يۈەن ئاجراتتى

چاغان مەزگىلىدە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراشقا ئىشلىتىلىدۇ

2018.01.31 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان غەمخورلۇق قىلىش ۋە ياردەم بېرىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يېقىندا، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پارتىيە بەدەل پۇلىدىن 156 مىليون 700 مىڭ يۈەن ئاجراتقان بولۇپ، 2018- يىللىق چاغان مەزگىلىدە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراشقا مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ. نامرات رايون، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار، قىيىنچىلىقى بار ئورۇنلاردىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى لىنىيەسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، شۇنىڭدەك كەنتلەر (مەھەللىلەر)دىكى پېشقەدەم ۋە غوللۇق كادىرلار، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نۇقتىلىق ھال سوراش ئوبيېكتىكى قىلىنىدۇ.

  مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پارتىيە بەدەل پۇلىنى ئىشلىتىشتە قاتتىق بولغان ئىشلىتىش يۆنىلىشى ۋە تەستىقلىتىش رەسمىيەتلىرى بار بولۇپ، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا ياردەم بېرىش بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر تۈر.

  18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پارتىيە بەدەل پۇلىدىن جەمئىي 550 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، چاغان مەزگىلىدە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى ۋە پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىش، ھال سوراشقا مەخسۇس ئىشلىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر