باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

2018.01.31 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32-قېتىملىق يىغىنى 30-يانۋار چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دەسلەپكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 148 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قارار بويىچە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.

  يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق خې شىنۋېي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى.

  يىغىندا يەنە باشقا ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى جيەنگو، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، جاڭ پىڭ، شياڭباپىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، جاڭ باۋۋېن يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت كومىسسارى چاڭ ۋەنچۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەر قايسى ئۆلكىلىك(ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك) خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر