باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017- يىللىق ئىقتىساد ساھەسىدىكى 10 شەخس ئېلان قىلىندى

2018.01.30 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «2017-يىللىق ئىقتىساد ساھەسىدىكى 10 شەخس»نىڭ تىزىملىكى 28- يانۋار بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. «شياۋمى»شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى، قۇشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لېي جۈن، «سەنباۋ» گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى يۈەن يافېي، «كېدا شۈنفېي» شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ چىڭفېڭ، «360» گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، قۇشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جۇ خۇڭۋېي، جۇڭگو يول، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتكوم شۇجىسى لۇ شەن، «ئەيچىيى» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى گۇڭ يۈ، «تەيكاڭ» سۇغۇرتا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى، قۇشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى چېن دۇڭخۇا، گۇاڭجۇ تىببىي دورا گۇرۇھىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، باش مۇدىرى لى چۇيۈەن، «ۋېيلەي» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى لى بىن، «خەيشىن»گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى جۇ خۇجيەن قاتارلىقلار «2017-يىللىق ئىقتىساد ساھەسىدىكى 10 شەخس» بولۇپ باھالاندى.

  بۇنىڭدىن سىرت، «جۇڭيۈەن» بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى دۇ رۇڭشىڭ، «شاڭتاڭ» پەن-تېخنىكا بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شۈ لى «2017-يىللىق ئىقتىساد ساھەسىدىكى يېڭى شەخس مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر