باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

مالىيە، پۇل مۇئامىلە، يەر قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت كاپالىتى كۈچەيتىلىدۇ

2018.01.30 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شۈ نەنپىڭ: دۆلىتىمىزدە ھازىر ياڭلىڭ ئۈلگە رايونى ۋە خۇاڭخې دەرياسى دېلتىسى ئۈلگە رايونىدىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىكدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونىدىن ئىككىسى بار. 2025-يىلىغىچە يەنە 30 غا يېقىن ئۈلگە رايونى قۇرۇش پىلانلاندى، دېدى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى. بۇ ئېلىمىزدە دۆلەت قاتلىمىدىن يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا سىستېمىلىق يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن تارقىتىلغان تۇنجى مۇھىم ھۆججەت.

  ئۈلگە رايونىدا «بىر رايوندا بىر باش تېما بولۇش» لايىھەسى ئارقىلىق ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان بىر قانچە زور بوغما مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئېلىمىزدىكى %60كە يېقىن تېرىلغۇ يەر قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايونلارغا جايلاشقان، 500 مىليون موغا يېقىن شور يەر بار. ئۈلگە رايونى قۇرۇشتىكى مەقسەت يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى توپلاپ، ھەر قايسى سۇبيېكتلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن سىستېمىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ، باشقا ئوخشاش تۈردىكى رايونلارغا ئۈلگە بولۇشتىن ئىبارەت.

  قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېتەكچى پىكىردە يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى قۇرۇشنىڭ تۆت سىياسەت تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، مالىيە جەھەتتىن قوللاش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەركەز مالىيەسىدىن جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش، نەتىجىلەرنى ئەمەلىي مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارغا مەدەت بېرىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يۆلەش سىياسىتى ۋە كىرېدىت قەرز بېرىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، سىياسەت تىپىدىكى بانكا، تەرەققىيات تىپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە سودا تىپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە كەسىپ دائىرىسىگە ئاساسەن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇش تۈرى ۋە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى كىرېدىت جەھەتتىن قوللىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، يەردىن پايدىلىنىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانىدا يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارغا ۋە كەسىپ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەر ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ تۆتىنچى، پەن-تېخنىكىنى باشقۇرۇش سىياسىتى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى ئىش ھەققى بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر