بىر يىل بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ داۋوستا ۋە جەنۋەدە ئىككى مەيدان تارىخىي خاراكتېرلىك نۇتۇق سۆزلەپ، ئومۇمىيەت ۋە دۇنياۋى نەزەردە پەلسەپە ۋە دەۋر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش تەشەببۇسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى شەرھلەپ، «ئىنسانلار جەمئىيىتى قاياققا ماڭىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، ئۇنىڭ ھەقىقەت نۇرى قاراڭغۇ كېچىنى يورۇتتى، ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك ساداسى ھەرياققا تارقالدى، ئۇنىڭ زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئۈنۈمى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتى.
سۈرەتتە: 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى