باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

كۇررى تەركىبىدىكى كۇركۇمىن ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

2018.01.30 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، گۆش تەركىبىدىكى كۇركۇمىن ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى %30 يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، ھەمدە يەنە قايغۇ-ھەسرەت ئالامىتىنى پەسەيتەلەيدىكەن.

  كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانژېلېس تارماق مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 40 نەپەر پىدائىينى يىغىپ، ئۇلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ سىناق قىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر گۇرۇپپىدىكىلەرنى 18 ئايغىچە ھەر كۈنى ئىككى قېتىمدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 90 مىللىگىرام كۇركۇمىن ئىستىمال قىلغۇزغان. يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرنى بولسا، بەزلەش دورىسىنى ئىستىمال قىلىدىغان سېلىشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى پىدائىيلارنىڭ ياشلىرى 50 ياشتىن 90 ياشقىچە بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارلىرى ئەسلىدە يېنىك دەرىجىدە تۆۋەنلەشكە باشلىغان، لېكىن تېنى ساغلام تۇرغان. ئۇندىن باشقا، تەتقىقاتچىلار ھەر ئۈچ ئايدا پىدائىيلارنىڭ يۈرەك سوقۇش، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ۋە ئومۇمىي سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلارنى خاتىرىلەپ ماڭغان.

  ئۇندىن باشقا، پىدائىيلارنىڭ ئىچىدە 30 كىشى چوڭ مېڭە تەسۋىر يېيىش تەجرىبىسىنى قوبۇل قىلغان. تەجرىبە ئاخىرلاشقان چاغدا، تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، كۇركۇمىننى ئۈزۈلدۈرمەي قوبۇل قىلىپ تۇرغان پىدائىيلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %28 ئۆسۈش بولغان، ئۇلار يەنە دىققىتىنى تېخىمۇ ئاسان مەركەزلەشتۈرەلىگەن.

  «ئامېرىكا ياشانغانلار روھىي كېسەللىكلىرى ئىلمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا، تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېگەن: كۇركۇمىن ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە ساقلاشنى باشقۇرۇش ۋە كەيپىياتنى كونتىرول قىلىش بىلەن ئالاقىدار قىسىملىرىدا ئاقسىل يىغىلىپ قېلىشىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىدۇ، شۇڭا ئۇ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى ياخشىلاش ۋە روھىي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تەتقىقات تۈر رىياسەتچىسى گارىنىڭ گىپىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: بىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىمىزدە كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر بىخەتەر ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەت كۇركۇمىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ئۇ ئەمەلىي بولغان بىلىش ئىقتىدارىنى ھاسىل قىلىشقا پايدىلىق بولىدىكەن.تەتقىقاتچىلار كېيىنكى قەدەمدە يەنە دېۋەڭلىك كېسىلى يۇقىرى دەرىجىدە ئېغىر ۋە خەتەرلىك بولغان كىشىلەر توپىدىكىلەرگە قارىتا كۇركۇمىن سىنىقى تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارماقچى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر