باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

31 ئۆلكىنىڭ GDP سانلىق مەلۇماتى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يەرلىكنىڭ تەرەققىيات نىشانىدىكى قىززىق سۆزگە ئايلاندى

جايلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قانداق ئورۇنلاشتۇردى؟

2018.01.30 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 18-يانۋار ئېلىمىزنىڭ 2017-يىللىق ئىقتىساد يىللىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى: GDP تۇنجى قېتىم 80 تىرىللىئۇن يۈەندىن ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى %6.9 كە يېتىپ، 2010-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم قايتا ئۆرلىدى. 10 نەچچە كۈندە، ئېلىمىزدىكى 31 ئۆلكىمۇ بىر يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلدى. ئۆلكىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، گۇاڭدۇڭ بىلەن جياڭسۇ 8 تىرىللىئۇن يۈەنلىك باسقۇچقا قەدەم قويغان، ئېشىش سۈرئىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونلىرى 2016-يىلىدىكى ۋەزىيەت ئاساسىدا سىجىل ئالدىدا ماڭغان. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، بۇنداق «ئىنچىكە ئايرىلغان» ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد يىللىق مەلۇماتىنى تېخىمۇ «ستېرېئو» لاشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا تيەنجىن، ئىچكى موڭغۇلنىڭ «ساختىلىقنى تۈگىتىش» ىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ GDP سانلىق مەلۇماتىنىڭ تېخىمۇ «كۆرگىچىلىكى بار» بولدى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدىكى 31 ئۆلكىدىن سەككىزىنىڭ بۇلتۇرقى GDP سىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت GDP سىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولغان، بۇ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تيەنجىننىڭ GDP سىنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئاران %3.6 بولۇپ، گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن تەڭ ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا تۇردى. ئېشىش سۈرئىتى نۇقتىسىنى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىگە قويغاندا، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلكىلەر يەنىلا ئوتتۇرا غەربىي رايونغا جايلاشقان. ئېشىش سۈرئىتى رەت تەرتىپى بويىچە ئېيتقاندا، گۇيجۇ، شىزاڭ، يۈننەن ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە گۇيجۇ %10.2 ۋە شىزاڭ %10 دىن ئىبارەت ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش نىسبىتىنى ساقلىدى. غەربىي رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئېلىمىزدىكى «غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» ئىستراتېگىيەسىدىن ئايرىلالمايدۇ. مۇتەخەسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: شەرقىي رايونلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرا غەربىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئاساسىي سانى نىسبەتەن كىچىك بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلدى ھەم دۆلەت سىياسىتىنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ ئامىللار غەربىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  2017-يىلى، ئېلىمىزنىڭ GDP ئومۇمىي مىقدارى تۇنجى قېتىم 80 تىرىللىئۇن يۈەنلىك باسقۇچقا چىقتى، كونكرېت ئۆلكىلەردىن ئېيتقاندا، جياڭسۇ بۇ بىر يىلدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى: تۇنجى قېتىم 8 ترىللىئۇن يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ، GDP ئومۇمىي مىقتارى بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا، مۇقىم ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىۋاتقان گۇاڭدۇڭ 9 تىرىللىئۇن يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلگە يېقىنلاشتى.

  مۇتلەق قىممەتنى تىلغا ئالغاندا، غەربىي رايوننىڭ زاپاس مىقتارى ئاز بولغاچقا كۆپ «نەپ» كە ئېرىشەلمەيدۇ. GDP ئومۇمىي مىقتارى ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرىۋاتقان جايلارنىڭ رەت تەرتىپىدە ئەمەلىيەتتە 2016-يىلدىكىدىن كۆپ ئۆزگۈرۈش بولمىدى، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇدىن كېيىن سەندۇڭ، جېجياڭ، خېنەن، سىچۈەن، خۇبېي، خېبېي، خۇنەن ۋە فۇجيەن تۇردى.

  چاڭجياڭ ئىقتىسادىي بەلبىغىنىڭ شەرقىي، غەربىي ئىككى چېتىدىكى سىچۈەن، چۇڭچىڭ ۋە شاڭخەيدىن ئىبارەت ئۈچ تۈگۈننى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر