باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

ئىككى ياشلىق بالىلارنى بېقىش ئەڭ تەس

ئۆزلۈك ئېڭى پەيدا بولغاچقا، ئۇلار گەپ ئاڭلىمايدۇ، ئىزدىنىشنى، سىناپ بېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ

2018.02.01 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىنگلىز تىلىدا «قورقۇنچلۇق ئىككى» دەيدىغان مەشھۇر سۆز بىرىكمىسى بار، يەنى «قورقۇنچلۇق ئىككى ياش» دېگەن مەنىدە. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۇنيا مىقياسىدا، «ئىككى ياشلىق بالىلارنى بېقىش بەك تەس» ئىكەنلىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى بولۇپ قالدى، بۇ ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ بەڭباشلىق مەزگىلىگە كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. كىشىلەر ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئىككى قېتىملىق بەڭباشلىق مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بىرىنچى قېتىملىقى ئىككى-ئۈچ ياش مەزگىلىدە، يەنە بىر قېتىملىقى بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە بولىدۇ. بالىلار بۇ ئىككى باسقۇچتا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز-ئۆزىگە مۇستەقىل بولۇشنى ئاستا-ئاستا ئۆگىنىدۇ.

  ئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تۆت جۈملە سۆزى مۇنداق:

  بىرىنچىسى، «ئۆزۈم قىلىمەن!» بالىلار بارلىق يېڭى شەيئىلەرنى سىناپ كۆرۈشكە ئالدىرايدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى قىلىۋەتسە، بالىلار ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ، چوقۇم ئۆزى يەنە بىر قېتىم قىلىدۇ.

  ئىككىنچىسى: «بۇ مېنىڭ!» بالىلار ئۆزىنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدىكى نەرسىلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئويۇنچۇق، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك، ئاچقۇچ، تىزگىنەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بولۇپ، باشقىلارغا بەرمەيدۇ.

  ئۈچىنچىسى: «ياق!» ئاتا-ئانىلار نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، بالىلار «ياق» دەيدۇ. ئاپىسى تاللاپ بەرگەن كىيىمنى كەيمەي، چوقۇم ئۆزى باشقىدىن تاللايدۇ. دادىسى قۇچاقلاپ قوياي دېسە ئۇنىماي، ئۈستەلنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ، چىققىلى ئۇنىمايدۇ.

  تۆتىنچىسى: «بىرنى قويىمەن!» باشقىلار ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدەك قىلمىسىلا ئۇرىدۇ، قائىدە سۆزلەشكە ئامال يوق.

  قىسقىسى، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ياۋاش بالىلاردىن بارا-بارا جاھىل، يىغلاڭغۇ، بېخىل، بىشەملىك قىلىدىغان ئادەم قىينايدىغان كىچىك ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ.

  بالىلار «بۇ مېنىڭ!» دېگەندە، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەب تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ئالدىراپ، ئۇلارنى مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك، بۇ شەخسىيەتچىلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ پەيدا بولۇشىغا باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بالا «ياق!» دەپ تۇرۇۋالغىنى ئۇنىڭ تىلنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىدىن، ئىپتىخارلىنىۋاتقانلىقىدىندۇر. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار تۈزىتىشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكى كېرەك، پەقەت بالىلىرىنىڭ دېگىنىدەك بولسىلا بولدى. بالىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، بەدىنى ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئۆز ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.

  بۇ چاغدا، ئاتا-ئانىلار بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، ھۆرمەت ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن بالىلىرىنىڭ ئىزدىنىشى ۋە مەشىق قىلىشىغا، ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشىگە يول قويۇش لازىم. بالىلار ئۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئاتا-ئانىلار زوراۋانلىق ئارقىلىق زوراۋانلىقنى توختىتىش ئۇسۇلىنى قوللانماستىن، بەلكى بالىلارنى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەشكە يېتەكلىشى، ئادەم ئۇرۇش ۋە ئادەم چىشلەشنىڭ زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. (دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى، ئائىلە تەربىيەسى لېكتورى مەي شۇنپيەن).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر