باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل چاغاندا توشۇلىدىغان يولۇچى تەخمىنەن 2 مىليارد 980 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ

مۆلچەرلىنىشىچە، توشۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەزگىلىدە بىر كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى 100 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ

2018.02.01 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 31-يانۋار گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش 2-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاخىرلىشىپ، جەمئىي 40 كۈن داۋاملىشىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل چاغاندا توشۇلىدىغان يولۇچى تەخمىنەن 2 مىليارد 980 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن. توشۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەزگىلىدە بىر كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى 100 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن.

  چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى تەلىپىگە ئاساسەن، « قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا»دا توشۇش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى چەكتە زورايتىلىدۇ. بېيجىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى، ۋۇخەن تۆمۈر يول ئىدارىسى، شاڭخەي تۆمۈريول ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىقتىدارى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاشۇرۇلىدۇ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول تارماقلىرىدا ھەر كۈنى قاتنايدىغان پويىز 3819 جۈپ بولغاندىن سىرت، چاغاننىڭ ئالدىدا ۋە چاغاندىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھەر كۈنى 576 جۈپ ۋە 665 جۈپ پويىز كۆپەيتىلىدۇ. خەلق ئاۋىياتسىيەسى ھەر كۈنى 15 مىڭ نۆۋەتچى قېتىم ئايروپىلان بىلەن توشۇشقا، ھەر كۈنى جەمئىي 2 مىليون 80 مىڭ ئورۇن بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. قۇرۇقلۇق يولىدا جەمئىي 840 مىڭ يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قاتنايدىغان بولۇپ، جەمئىي 21 مىليون ئورۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ. سۇ يولى قاتنىشىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق كېمە-پاراخوت چاغانلىق توشۇشقا قاتنىشىدىغان بولۇپ، جەمئىي 1 مىليون ئورۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە، چاغانلىق توشۇشنىڭ ھەر تۈرلۈك ئالدىن تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر