باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق تۆت تەنھەرىكەتچى پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

2018.02.01 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-يانۋار، 2018-يىللىق پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى رەسمىي قۇرۇلدى، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر تىزىملىكىدە شىنجاڭلىق تۆت تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىسمى بار، ئۇلار تېز مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى تيەن رۈينىڭ ۋە ئارشىنغازى شېكىن، يەككە كانكىدا U شەكىللىك مەيداندا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى چيۇ لىڭ، ئەركىن چاڭغا تېيىلىش بويىچە U شەكىللىك مەيداندا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى چەي خۇڭدىن ئىبارەت.

  بۇ، 24 يىلدىن كېيىن، شىنجاڭ قار-مۇز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا ۋەكالىتەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى تارىخىدا، تېز مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى ليۇ يەنفېي ۋە دەي جۈن ئىلگىرى جۇڭگوغا ۋەكالىتەن 1988-يىللىق كانادا كالگارى، 1992-يىللىق فرانسىيە ئالبېرتۋىل ۋە 1994-يىللىق نورۋېگىيە لىللېخاممېر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىغا قاتناشقان ئىدى.

  بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن ئارشىنغازى 2010-يىلى شىنجاڭ تېز مۇز تېيىلىش كوماندىسىغا تاللانغان، تېز مۇز تېيىلىش 1500 مېتىرلىق تۈرىدە نەتىجىسى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

  ئارشىنغازى بىلەن بىر يىلدا شىنجاڭ تېز مۇز تېيىلىش كوماندىسىغا تاللانغان تيەن رۈينىڭ تېز مۇز تېيىلىشنىڭ قىسقا ئارىلىق تۈرىدە مەملىكەت بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

  18 ياشقا كىرگەن چەي خۇڭ ئىلگىرى يېنىك ئاتلېتكا تەنھەرىكەتچىسى ئىدى، 2013-يىلى ئەركىن چاڭغا تېيىلىش بويىچە U شەكىللىك مەيداندا قار تېيىلىشقا ئالماشقان. 2016-يىلى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەركىن چاڭغا تېيىلىش بويىچە U شەكىللىك مەيداندا قار تېيىلىش ئاياللار يەككە مۇسابىقىسىدە چەي خۇڭ 540 گرادۇسلۇق پىرقىراشنى ناھايىتى چىرايلىق تاماملاپ، ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ۋە چېمپىيون بولغان.

  بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ يەككە كانكىدا U شەكىللىك مەيداندا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى چيۇ لىڭ مۇشۇ تۈر بويىچە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن. نۆۋەتتە، نەتىجىسى دۇنيا بويىچە 8-ئورۇندا تۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر