باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مۇشتۇمزورلۇق جىنايىتىگە توغرا ۋە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك

2018.02.01 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31- يانۋار چۈشتىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشتىكى مەخسۇس كۈرەش تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى شېن دېيۇڭ يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەتئىي يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشتىكى مەخسۇس كۈرەش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇشتۇمزورلۇق جىنايىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا، جەمئىيەتنىڭ تېنىچ-تەرتىپلىك بولىشىغا ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشتىكى مەخسۇس كۈرەشنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بولسا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىرلەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇ، ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىنچىكە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشتىكى مەخسۇس كۈرەشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇشتۇمزورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. بالدۇر ۋە ئىشنىڭ كىچىك ۋاقتىدا زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن ئاخىرى ساقلاپ، مۇشتۇمزورلۇق جىنايىتى پەيدا بولۇش ۋە يامراشنىڭ پۇرسىتىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ۋە سىياسىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشقا چېتىلىدىغان، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان، بازارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش، سېرىق ئۇچۇرلارنى سېتىش ياكى تارقىتىش، قىمار ئويناش، زەھەرلىك چېكىملىكنى سېتىش- سېتىۋېلىش ياكى چىكىش قاتارلىقلارنى باشقۇرۇپ تۇرۇپ تىجارەت قىلغان ۋە قىلمىشلىرى چېگرا ھالقىغان دېگەندەك ئون تۈرلۈك جىنايەتكە نۇقتىلىق ھالدا زەربە بېرىشكە، ھەمدە جايىدا ۋە قاتتىق زەربە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى ئاساس قىلىپ، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ، دېلونى سوت قىلىش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جاۋابكارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەر بىر دېلونىڭ تارىخ ۋە قانۇننىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشىگە كاپالەت قىلىش كېرەك. سوت قىلمىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچ تۈرلۈك بەلگىلىمە»نى قاتتىق ئىجرا قىلىش، دەلىل–ئىسپات ئېڭى ۋە تەرتىپ ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جىنايەت بىلەن جازانى قانۇندا بەلگىلەش، گۇمانىي جىنايەتنى يوققا چىقىرىش، ئىسپاتقا قاراپ ھۆكۈم قىلىش ۋە قانۇنسىز دەلىل-ئىسپاتلارنى چىقىرىۋېتىش قاتارلىق قانۇن پىرىنسىپلار ۋە تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر