باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنى تاشلاپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە توغرا قارىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى

2018.02.01 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا: جۇڭگو ۋە رۇسىيەنى ئامېرىكىنىڭ رەقىبى، دەپ ئاتىغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 31-يانۋاردىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا: ئامېرىكا تەرەپنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە قارشىلىشىشتىن ئىبارەت ۋاقتى ئۆتكەن قاراشنى تاشلاپ، جۇڭگو ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋە ئامېرىكا كەڭ ھەم مۇھىم ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قىسىم ئىختىلاپمۇ مەۋجۇت، لېكىن ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئىختىلاپتىن چوڭ. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، ھەمكارلىق جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى. ئورتاق مەنپەئەتلىنىش بولغاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلەنگىلى بولىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ: «ئامېرىكا تەرەپنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە قارشىلىشىشتىن ئىبارەت ۋاقتى ئۆتكەن قاراشنى تاشلاپ، جۇڭگوغا ۋە جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، جۇڭگوغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىلاپنى تىزگىنلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر