باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنتتە تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن 1- شۇجىلار يولغا چىقتى

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۇزىتىپ قويدى

2018.01.31 14:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى 2018- يىللىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئېغىر نامرات كەنتلەردە تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن 1- شۇجىلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1- سېپىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئۇزىتىپ قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن كۆپچىلىكنى ئۇزىتىپ قويدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان كەنتتە تۇرىدىغان كادىرلار ۋە 1- شۇجىلار بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، كۆپچىلىكتىن تەييارلىق ئەھۋالىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى، يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىن مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تاللاپ نامرات كەنتلەردە خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئېغىر نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى. كادىرلار مېھىر- مۇھەببەت، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، دىققىتىنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈمىدى ھەم مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويماي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە رازى بولغىدەك جاۋاب بېرىشى كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي ۋە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ۋە ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي، دەل جايىدا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى 1- قۇرۇلۇش ۋە زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن نىيەت، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى مەڭگۈ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ياخشى ئوبرازىنى يارىتىشى كېرەك. خىزمەتلەردە ئىتتىپاق بولۇش، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى تەقسىملەشنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، جاڭ بو، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ ئۇزىتىشتا بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر