باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئۇلانچاپ شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى تاۋ شۇجۈ 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2018.02.02 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باياننور شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ سوت مەھكىمىسى 1-فېۋرال ئېچىلغان 1-سوتتا ئۇلانچاپ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق شەھەر باشلىقى تاۋ شۇيۈ (نازىر دەرىجىلىك)نىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، تاۋ شۇيۈنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە 12 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ھەم 2 مىليون يۈەن جەرىمانە قويغان.

  سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدە، تاۋ شۇيۈنىڭ ئۇلانچاپ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، خوتۇنى بىلەن بىرلىكتە باشقىلارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭدىكى مەلۇم تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭدىكى مەلۇم سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تۈر ھۆددىگە ئېلىش ئىشىغا ياردەم بەرگەن ھەمدە خوتۇنى بىلەن شېرىكلىشىپ، ئۈچ قېتىم بېيجىڭدىكى مەلۇم تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پارىسىنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان، ئالغان پارىسى جەمئىي 4 مىليون 531 مىڭ 623 يۈەنگە يەتكەن. ئىككى قېتىم بېيجىڭدىكى مەلۇم سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پارىسىنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 21 مىليون 132 مىڭ 60 يۈەن بولغان.

  سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا قانۇن بويىچە جاۋابكار تاۋ شۇيۈنى پارا ئېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ ھۆكۈم قىلىپ، تاۋ شۇيۈنى مۇددەتلىك 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 2 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى. ئورتاق پارا ئالغان دېلوغا چېتىشلىق ھارام پۇل-مال قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر