- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
30 غا يېقىن تەشۋىقات ئۆمىكى 80 گە يېقىن دۆلەتتە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تارقاتتى
2018.02.02 15:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 178 دۆلەتتىكى 474 ئاساسلىق پارتىيە 1577 پارچە تەبرىك تېلېگراممىسى (خېتى) ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
دۇنيانىڭ دىققىتى جۇڭگوغا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە مەركەزلەشتى. ھەرقايسى دۆلەتلەر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىشكە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا، جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھىرلىنىشكە مىسلىسىز تەقەززا بولدى. «جۇڭگو نېمە ئۈچۈن قىلالايدۇ؟»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قىلالايدۇ؟» دېگەن سوئال يېڭى «دۇنياۋى سوئالى» غا ئايلاندى.
بۇ قەدەر يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشكە قارىتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىنىڭ روھىنى دۇنياغا قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟
بىر قاتار تەشۋىقات پائالىيەتلىرى شۇئان باشلاندى. بۇلتۇر 1-نويابىر، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى زور كۆلەملىك مەخسۇس تېمىلىق خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىگە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيا پارتىيەلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆھبەت يىغىنى 30-نويابىردىن 3-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، 120 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 300 گە يېقىن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاڭلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى ئورتاق كېڭەشتى.
تەشۋىقات پائالىيىتى دۆلەت ئىچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. بۇلتۇر 11-ئايدىن بۇ يىل 2-ئايغىچە، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللىشى بىلەن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىدىغان 30 غا يېقىن تاشقى تەشۋىقات ئۆمىكى 80 دۆلەت ۋە رايونغا بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق پارتىيەلىرى، سىياسىي تەشكىلاتلىرى، ئاقىللار ئامبارلىرى، تاراتقۇلىرى قاتارلىقلارغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، نۇقتىلىق دۆلەت ۋە رايونلارنى تولۇق قاپلاشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر