باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ ما شۆلياڭ

2018.01.31 14:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن. مەن ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە، مەن دېھقان پەرزەنتى بولساممۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم؛ پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشى بىلەن ئادەتتىكى كادىردىن مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىلدىم. پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ئېتىقادىم. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرىمەن؛ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

  پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەتئىي تەۋرەنمەي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىمەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنىڭ تەسىرىدە، قىسمەن ئامما ئارىسىدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى پەيدا بولدى، نورمال دىنىي پائالىيەتكە تەسىر يەتتى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن. بولۇپمۇ قاراڭغۇ بۇلۇڭ- پۇچقاقلارغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىش ۋە سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تارتىپ چىقىپ، تولۇق يوقىتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە يوشۇرۇنغىدەك جاي قويماي، «كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغان»دەك قاتتىق زەربە بېرىمەن.

  پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىتتىپاقلىقنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرىمەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە، نۇرغۇن خىزمەت ئورنىدا ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىلەن بىللە ئىشلەپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەتنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، كۆپچىلىك ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانىدا ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئورتاق ئالغا باستۇق. بىراق چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ئىزچىل توختاتماي، بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن بولغان مىللىي ھېسسىياتىمىزنى بۇزۇشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، قەتئىي زەربە بېرىمىز. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنىڭ پارتىيە بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە تۈگۈنلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلايمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەيمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر