باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى

2018.02.02 14:59   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 31-يانۋار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، توققۇز ۋەكىل ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە بارلىققا كەلگەن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش يېڭى كەيپىياتى توغرىسىدا سۆز قىلدى. لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ئۇلارغا چاغىنىنى مۇبارەكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىز تۈرلۈك ئىشلاردا ئاسان قولغا كەلمەيدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملىق ياخشى ساقلاش ئۈچۈن چوقۇم خەلقنىڭ پاراسىتى ۋە كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ ئوچۇق-يورۇق تەكلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئەل رايىنى بىلىشى، ئەل رايىغا بېقىشى، ئەل رايىنى مۇجەسسەملىشىگە، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئاممىنىڭ ئارزۇسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى باغلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئومۇ…
    ·ئىككى ياشلىق بالىلارنى بېقىش ئەڭ تەس
    ·ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامى ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى ب…
    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغان…
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى 
    ·بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەنبەسى كېڭەيتىلىپ كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەرگە …
    ·شىنجاڭدىكى 20 ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلان…