باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپ ئېلىندى

2018.02.01 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 31-يانۋار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قىسمەن ۋەكىللىرىنىڭ «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللىدى ۋە كاپالەتلەندۈردى. ئۇدا بەش يىل دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەييارلاش جەريانىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قىسمەن ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. بۇ دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى.

  سۆھبەت يىغىنىدا ما جىۋۇ، جۇ خۇڭيۈ، چېڭ جىڭ، گۈەن مۇسۈن، گو جيەنرېن، يەن شاۋچۈەن، ۋۇ گوپىڭ، گاۋ مىڭچىن، گو جيەنخۇا، جاڭ شيۇڭ قاتارلىق 10 ۋەكىل بەش يىلدىن بۇيانقى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېچىلىپ-يېيىلىپ سۆزلەپ، دائىمىي كومىتېت خىزمەت دوكلاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپ بەردى. جاڭ دېجياڭ بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ خاتىرىلەپ، ئارىلاپ سۆز قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن پىكىرلىشىپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى. ۋەكىللەر 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، دائىمىي كومىتېت خىزمەت دوكلاتىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن قوللاپ بىردەك مۇنداق قارىدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قانۇن چىقىرىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش سالمىقى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى خىزمىتىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر