باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئېلىمىز يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە تۈزدى

2018.02.01 12:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە تۈزدى.

  پىكىردە يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشان- ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بەش يىل ئەتراپىدا تىرىشىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي تەرەققىيات يولىنى بىر قەدەر راۋانلاشتۇرۇپ، خىزمەت ھوقۇقى، ئىنسانىي ھوقۇق، مالىيە ھوقۇقى بىرلىككە كەلگەن ئوقۇتقۇچى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، تەمىناتنى ياخشىلاپ، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، ساپا ئىقتىدارى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇش.

  2035- يىلىغا بارغاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى، كەسىپلىشىش سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، مىليونلىغان تايانچ ئوقۇتقۇچى، يۈز مىڭلىغان كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتقۇچى، ئونمىڭلىغان مائارىپچى تىپىدىكى ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈپ چىقىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنىڭ ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكا ئىسلاھاتىغا پائال ماسلاشتۇرۇلۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت ئورنىدا بەخت تۇيغۇسىغا، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا، جەمئىيەتتە شەرەپ تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق كىشىنىڭ ھەۋىسى كېلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

  پىكىردە ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش چۆرىدىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى، تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پىكىردە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئىلىم جەھەتتە ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاش پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەخسىي ئىناۋەت خاتىرىسىنى تۈزۈپ، سەمىمىي ۋەدە بېرىش ھەم لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا تەنبىھ بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پىكىردە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدىن باشقا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مەكتەپلەر قاتناشقان جۇڭگوچە پېداگوگىكا مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پىكىردە تۈزۈلمە مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىشتاتىنى سەپلەشتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پىكىردە ئوقۇتقۇچىلىقنى ھەقىقىي تۈردە كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا ھۆكۈمەت ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دۆلەت مەمۇرى بولۇشىدەك ئالاھىدە قانۇنىي ئورنىنى بېكىتىپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كاپالەتلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر