باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 3-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى پەللىگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2018.02.01 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 30-يانۋار چۈشتىن كېيىن زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا 3-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش زور ئىش، ئۇ ھەم زور نەزەرىيەۋى تېما، ھەم زور ئەمەلىي تېما بولۇپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە چوڭقۇر ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈر تەلىپى. پۈتۈن پارتىيە چوقۇم زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، نىشانى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى پەللىگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بۇ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى ۋە تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى. ليۇ خې، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۈنخۇا، سەي چى بۇ مەسىلە توغرىسىدا نۇقتىلىق سۆز قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلىپىگە مايىللىشىش ئۈچۈن چىقارغان زور تەدبىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى. دۆلەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئىقتىساد سىستېمىسىنى كۈچەيتىش شەرت. زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلغاندىلا، زامانىۋى تەرەققىيات ئېقىمىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپ، خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى، شۇنداقلا باشقا ساھەلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر