باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«چيەن باۋ» تورىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى جاڭ شياۋلېي قاتارلىقلار قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

2018.02.02 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-فېۋرال، نەنجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە «چيەن باۋ» تورىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى جاڭ شياۋلېي قاتارلىقلار قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.

  نەنجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 1-فېۋرال تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، نەنجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جياڭبېي يېڭى رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى جاڭ شياۋلېي قاتارلىق 12 جىنايەت گۇماندارى جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەھقىقلىشىچە، 2012-يىلىدىن بۇيان، جاڭ شياۋلېي قاتارلىقلار «چيەن باۋ» تور سۇپىسىغا تايىنىپ، ئېلان ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئارقىلىق، يىللىق پايدا نىسبىتى %40تىن %60كىچە بولغان يۇقىرى ئۆسۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دېگەننى يەمچۈك قىلىپ، جامائەتتىن زور سوممىلىق مەبلەغ يىغقان بولۇپ، جىنايەتكە چېتىلغان.

  نەنجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جىنايەتنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، مەبلەغ توپلاش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، دېلو تەكشۈرۈلگەندىن بۇيان، نەنجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو پاش قىلىپ زەربە بېرىش ۋە ھارام پۇلنى قايتۇرۇۋېلىپ زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئاستىدا، قانۇن بويىچە دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى پېچەتلەپ توڭلاتقان ھەمدە تەكشۈرۈش ۋە باھالاپ مۆلچەرلەشنى جىددى قانات يايدۇرغان. قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دېلوغا چېتىشلىق بارلىق مۈلۈك سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇكى، كەڭ مەبلەغ توپلاش ئىشتىراكچىلىرى ۋاقتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېلو مەلۇم قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تىزىملىتىپ، ئىسپاتلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، ئۆزىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ مەبلەغ توپلاش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، قايمۇقتۇرۇشقا ئالدانماي، تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەشكىللىمەسلىكى ۋە قاتناشماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر