باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قانداق قولغا كەلتۈرىمىز؟

2018.02.02 16:40   مەنبە: خەلق تورى

چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قانداق قولغا كەلتۈرىمىز؟

  



  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە سۆز ئاچقاندا، جۇڭگودىكى ھەر بىر پۇقرا بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ۋە قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، بىر يۈرۈش چىرىكلىك دېلولىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، زور بىر تۈركۈم خىيانەتچى ئەمەلدارلار موللاق ئېتىپ يىقىلدى، ھوقۇقنى نازارەت قىلىدىغان قەپەس بارغانسېرى مۇستەھكەم چىڭىتىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا، «يولۋاسنى يوقىتىش»، «چىۋىننى پالاقلاش»، «تۈلكىنى ئوۋلاش»تەك خىلمۇخىل كۈرەشتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك شەكىللەندى ھەمدە مۇستەھكەملىنىپ راۋاجلاندى.

  ئەلۋەتتە، «مۇتلەق ئۈستۈنلۈك»نىڭ شەكىللەنگەنلىكى مۇتلەق غەلىبىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ۋەزىيەت مۇرەككەپ ۋە جىددىي بولىۋاتقان پەيتتە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە ئەڭ چوڭ تەھدىت بولىۋاتقان چىرىكلىكنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، ئۇنىڭ تارىخىي دەۋرىيلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يەنىلا تاشقا مۆھۈر باسقۇدەك جاسارەتكە ۋە تۆمۈرنى تۇتسا ئىز سالغۇدەك غەيرەتكە مۇھتاجمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، ج ك پ 19-قۇرۇلتىيى قۇرۇلتاي دوكلاتىدا «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش»نىڭ ھەرىكەت سىگنالىنى چالدى ھەمدە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  بىرىنچىدىن، چىرىكلىكنى جازالاش ۋە تۈزەشتىكى يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ساقلاش كېرەك. بۇنىڭدا، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ھەممە جاينى قاپلىغان بولۇش ۋە قىلچە يول قويماسلىقتەك ھالەتنى ساقلاش كېرەك. كەلگۈسى بەش يىلدا، قاتتىق توسۇش، كۈچلۈك يۇقىرى بېسىم بېرىش ۋە ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتەك ھالەتنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك؛ بارىنى ئازايتىپ، ئېشىشنى توسۇش كېرەك. بۇ جەھەتتە، «ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان» رەھبىرىي كادىرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەر»نى قوشۇپ تەكشۈرۈش، «نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار چوقۇم جازالىنىش»تەك بۇ پاك-تەلەپچان بولۇش تارىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنىمۇ جازالاش ۋە تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىز دائىم «پارىخور چىۋىن»لار كۆپەيسە، ئۇلارنىڭ زىيىنىمۇ «يولۋاس»تىن قېلىشمايدۇ، دەيمىز. پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىمۇ ھەقىقەتەن كىشىنى قاتتىق نەپرەتلەندۈرىدۇ. پارتىيەنىڭ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرلا بولىدىكەن، ئۇنىڭغا چوقۇم جىددىي ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش لازىملىقى، ئاممىنىڭ پايدا-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارلا بولىدىكەن، ئۇنى چوقۇم قەتئىي تۈزىتىش لازىملىقى كۆرسىتىلدى. شۇڭا، شەھەرلىك ۋە ناھىيەلىك پارتكوملاردا تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، خەلقئارالىق «قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش ۋە زاڭ ماللارنى قايتۇرىۋېلىش» سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. چىرىكلىك ئۇنسۇرلىرى مەيلى قەيەرگە قېچىپ بارسۇن، ئۇلارنى شۇ يەردىن تۇتۇپ كېلىپ، قانۇننىڭ سورىقىغا تارتىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارالىق قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش ۋە زاڭ ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇزاققىچە كۈچەپ ئىشلەش نەتىجىسىدە، قېچىپ كەتكەن ئەمەلدارلارغا يوشۇرۇنىدىغان جايمۇ قالمايدۇ، ھەمدە چەت ئەلگە قېچىشنى پىلانلاۋاتقانلارنىڭ خىيالى بەرپات بولىدۇ.

  تۆتىنچىدىن، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چىرىكلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تۇپراقنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاشتا، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تەڭ تۈزەش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى ساقلاشنىڭ نەتىجىسى «چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق»تەك چۆچۈتۈش ئۈنۈمىنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ «چىرىكلىشەلمەيدىغان» قىلىشتىكى قەپەسنى مۇستەھكەم چىڭىتىشتا، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە تايىنىش كېرەك؛ «چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان» ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىشتە، تەربىيىلەش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا دائىر قانۇن چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىنى قاپلىغان ھالدىكى دېلو پاش قىلىش ۋە دېلو مەلۇم قىلىش سۇپىسىنى قۇرۇش. بۇ مانا مۇشۇنداق تۈزۈملەردىن ھاسىل قىلىنغان بىر قەپەس بولغاندىلا، ھوقۇق تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، چىرىكلىكنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

  سىياسەت قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش، يۇرت تىنچ-پاراۋان بولۇش. بۇ جۇڭگودىكى ھەربىر پۇقرانىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئارزۇسىدۇر. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھازىرقى «مۇتلەق ئۈستۈنلۈك» كېيىنچە «مۇتلەق غەلىبە»گە ئايلانغاندا، بۇ گۈزەل ئارزۇ ۋە ئىنتىلىشمۇ رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى نەتىجىلەر:

  پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۆلكە ۋە جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولغان پارتىيەلىك كادىرلار ۋە مەركەز باشقۇرىدىغان كادىرلاردىن 440 كىشى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىدىن 43 كىشى، ھەم مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن توققۇز كىشى بار؛ دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەنلەردىن، نازارەت دەرىجىلىك ۋە ئۆلكىنىڭ ئىدارىلىرى دەرىجىلىك كادىرلار 8900 كىشى، ناھىيە ۋە باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار 63 مىڭ كىشى، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلاردىن 278 مىڭ كىشى بار. چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن خادىملاردىن قايتۇرۇپ كېلىنگىنى 3453 كىشىگە يەتتى، «يۈز كىشىلىك قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرىقى»دىكى كىشىلەردىن 48ى قولغا چۈشتى. (سانلىق مەلۇماتلار 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە بولغان ماتېرىياللاردىن ئېلىندى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئومۇ…
    ·ئىككى ياشلىق بالىلارنى بېقىش ئەڭ تەس
    ·ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامى ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى ب…
    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغان…
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى 
    ·بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەنبەسى كېڭەيتىلىپ كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەرگە …
    ·شىنجاڭدىكى 20 ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلان…