خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 1-فېۋرال، CBAئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 34-ئايلانما مۇسابىقىسى ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلدى، ئۆز مەيدانىدا مۇسابىقە ئوينىغان شىنجاڭ كوماندىسى 108گە قارشى 120 نومۇر بىلەن سەنشى كوماندىسىنى يېڭىپ، پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىنىڭ بېلىتىگە ئېرىشتى، سەنشى كوماندىسى بولسا پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىرەلمىدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئادامس 49 نومۇر، گاردىن قايتقان توققۇز توپنى ئېلىش، 12 ھۇجۇم پاس بېرىشتەك ئىپادىسىنى كۆرسەتتى، يۈ چاڭدۇڭ 15 نومۇر، گاردىن قايتقان بەش توپنى، قىرانبېك 10 نومۇر، گاردىن قايتقان بەش توپنى، لى گېن 15 نومۇر، لىيما 22 نومۇر، گاردىن قايتقان 11 توپنى ئالدى. سەنشى كوماندىسىدا، سكولا 33 نومۇر، گاردىن قايتقان 14 توپنى، رېن جۈنۋېي بەش نومۇر، ليۇ گۈەنسېن 10 نومۇر، گاردىن قايتقان بەش توپنى، يەن پېڭفېي 17 نومۇر، گاردىن قايتقان تۆت توپنى، ۋوللېن 23 نومۇر، گاردىن قايتقان بەش توپنى، سەككىز ھۇجۇم پاس بېرىشتەك نەتىجە ياراتتى.
مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لى چيۇپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى مۇسابىقىدە، بىز تازا ئەستايىدىل بولمىدۇق، بولۇپمۇ بىرىنچى چارەك مەيداندا بىزنىڭ مۇداپىئەمىزدە بىر قەدەر چوڭ بوشلۇق كۆرۈلدى، ھۇجۇم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا قايتىپ مۇداپىئە قىلالمىدۇق. مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانىدا، بىزنىڭ مۇداپىئەمىز بىر قەدەر ئەستايىدىل بولدى، لېكىن بىرلەشمە مۇداپىئەنى قوللىنىشتىن بەزىبىز سەۋەنلىكلەر كۆرۈلدى. بىز گەرچە ئاخىرىدا يەڭگەن بولساقمۇ، لېكىن ئەزالىرىمىز رەقىبىنى بوش چاغلاپ قالدى، مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى بەزى تاكتىكىلار ياخشى ئىجرا قىلىنمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى