خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئالما شىركىتى مۇنۇلارنى مۇقىملاشتۇردى: iPhone7نىڭ ئاساسىي تاختىسى ئۈستىدىكى مەلۇم بىر بىرىكمە دېتالىدا كاشىلا يۈز بەرگەن بولغاچقا، ئاز بىر قىسىم iPhone7 ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھالەت كۆرسىتىش رايونىدا «مۇلازىمەت يوق» دېگەن ئۇچۇر كۆرسىتىلىشى مۇمكىن (كۆنەكسىمان كۆچمە خەۋەرلىشىش سىگنالىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئىچىدە بولسىمۇ شۇنداق).
بۇ خىل تەسىرگە ئۇچرىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى 2016- يىلى 9- ئايدىن 2018- يىلى 2- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بولۇپ، بۇنىڭغا جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى، جۇڭگو شياڭگاڭ، جۇڭگو ئاۋمېن، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا سېتىلغان iPhone7 تېلېفونلار كىرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تېلېفونلاردا بۇ خىل كاشىلا پەيدا بولغان تېلېفونلارنىڭ تىپ نومۇرلىرى بولسا، A1660 ۋە A1780 بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر iPhone7نىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كونكرېت تىپ نومۇرىنى تەكشۈرسە، بىلگىلى بولىدۇ.
ئالما شىركىتى مۇنداق دېدى: ئەگەر سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىزدە يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر پەيدا بولغانلىقى بايقالسا، Apple شىركىتى ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىدۇ. بۇ پىلان پەقەت iPhone7غىلا ئىشلەيدۇ. ئالما شىركىتى يەنە ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق، ئىلگىرى مۇشۇ مەسىلە تۈپەيلىدىن رېمونت قىلىشقا ھەق تۆلىگەن خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تولۇقلىما بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر خېرىدارلار ئىچىدە مۇشۇ مەسىلە سەۋەبىدىن ئىلگىرى رېمونت قىلىپ ھەق تۆلىگەن، دەپ قارىغانلار بولسا، ھەمدە تاكى 2018- يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرغىچە ئالما شىركىتىنىڭ ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلار بولسا، ئالما شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھەقسىز رېمونت قىلىش پىلانىدا iPhone7 تېلېفونىنىڭ رېمونت قىلىنىش ئۆلچەملىك كاپالەت دائىرىسى ئۇزارتىلمايدىكەن؛ لېكىن تەسىرگە ئۇچرىغان iPhone7 ئۈسكۈنىسىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ھەمدە بۇ خىل كاپالەتنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم پارچە سېتىلىش كۈندىن باشلاپ ئىككى يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى