باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: «بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىق ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

2018.02.05 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ 1-فېۋرال ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گاۋ شياۋبىڭ جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە گېزىتى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: « بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىق ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

  گاۋ شياۋبىڭ مۇخبىرنىڭ ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قانداق ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 1978-يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئومۇميۈزلۈك قايتا رەتلەيدۇ. رەتلەپ چىققاندىن كېيىن ھازىر بار بولغان سىياسەتلەرگە بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، « بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىق ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرىدۇ.

  گاۋ شىياۋبىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. مەسىلەن، ئىلگىرى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ئاساسلىقى دۆلەت كارخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن ۋىلايەت دەرىجىلىك دۆلەت كارخانىلىرى بارغانسېرى ئازلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىمۇ كۈنسېرى ئاجىزلىدى. كېيىنكى قەدەمدە قاتتىق تەدبىرلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىمىز، ئاساسلىقى ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىش ئورنىنى كۆپەيتىمىز.

  گاۋ شياۋبىڭ مۇنداق دېدى: بىز يەنە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يېڭىدىن قوبۇل قىلىدىغان خادىملارنىڭ %5گە ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى داۋاملىق ماسلاشتۇرۇش، شارائىتى بار جايلارنى داۋاملىق مەمۇرىي ئىش ئورنى، كەسپىي ئىش ئورنى چىقىرىپ ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا نەپىقە بېرىش-ئورۇنلاشتۇرۇش ئوبيېكتلىرىغا تەدبىقلىنىدىغان سىياسەتلەرنى بىر تۇتاش تەتقىق قىلىپ رەتلەپ، سىياسەت بىلەن قاپلاش دائىرىسى ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر