باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز چېگرا سىرتىدىكى مەۋھۇم پۇل سودا سۇپىسى تورلىرىغا قارىتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ

2018.02.05 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-يانۋار جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ICO (تۇنجى قېتىم تەقلىدىي پۇل تارقىتىش)نى توختاتقاندىن كېيىن، چېگرا ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر چېگرا سىرتىدىكى سۇپا تور بېكەتلىرىگە يۆتكەلگەن ھەمدە مەۋھۈم پۇل سودىسىغا داۋاملىق قاتناشقان، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى سۇپىغا يۆتكىلىپ سودا قىلىشىدا دۇچ كېلىدىغان تۈرلۈك خەۋپ- خەتەرلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، بىر قاتار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدىكەن.

  مەركىزىي بانكىدىن ئىگىلىنىشىچە، چېگرا ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ICOغا قاتناشقانلىقى مىسال قىلىنىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەتتە مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىكتە تارقاتقان «تەقلىدىي پۇل تارقىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىلگەن قانۇنسىز تارقىتىش، تۈر ئەمەلىي بولماسلىق، ئالدامچىلىق، ھەتتا شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق تۈرلۈك خېيىم-خەتەر ۋە مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت بولغان، ئەگەر چېگرا سىرتىدىكى سۇپىلاردا سودا قىلىشقا قاتناشقاندا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ زىياننى قايتۇرۇۋېلىشى تېخىمۇ تەس بولىدىكەن.

  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنى شۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، چېگرا سىرتىدىكى ICO ۋە مەۋھۇم پۇل سودا سۇپىسىنىڭ ئالاقىدار خەۋپ-خەتىرىنى ئېنىق تونۇش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قاتناشماسلىق لازىم.

  يەنە مەركىزىي بانكىدىن ئىگىلىنىشىچە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىدىن ساقلىنىپ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت كېيىنكى قەدەمدە مۇناسىۋەتلىك سودىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مەنئى قىلىش، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى مەۋھۈم پۇل تور بېكەتلىرىنى بىكار قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بىرسى بايقالسا بىرسى ئېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەلگۈسىدە ئىشنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ، يەنىمۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر