باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 15 نەپەر رۇسىيە تەنھەرىكەتچىسى ۋە تىرېنېرىنىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى رەت قىلدى

2018.02.06 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 5- چېسلا كورېيەنىڭ پيوڭچاڭدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 15 نەپەر رۇسىيە تەنھەرىكەتچىسى ۋە تىرېنېرىنىڭ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش تەكلىپى رەت قىلىندى.

  سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش نىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام كومىتېتى تەرىپىدىن بۇلتۇر 43 نەپەر رۇسىيە قىشلىق تۈرلەر تەنھەرىكەتچىلىرىگە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى ئۆمۈر بويى مەنئى قىلىش جازاسى بېرىلگەن ئىدى، لېكىن خەلقئارا تەنتەربىيە كېسىم سوتى 1- چېسلا 39 نەپەر رۇسىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ نارازىلىق تەلىپىگە قارىتا كېسىم چىقىرىپ، ئۇلارنى جازالاشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق ئەمەسكەن، دەپ قارىدى، ھەمدە بۇنىڭ ئىچىدىكى 28 تەنھەرىكەتچىنىڭ نارازىلىق تەلىپى ئېتىبارغا ئېلىنىپ، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 11 نەپەر كىشىنىڭ نارازىلىق تەلىپى قىسمەن ئېتىبارغا ئېلىنىپ، ئۇ 11 كىشىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشى ئۆمۈر بويى مەنئى قىلىنىشتىن ئىبارەت ئىلگىرىكى جازاسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشى مەنئى قىلىنىشقا ئۆزگەرتىلدى.

  ئىلگىرىكى جازاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 28 كىشى ئىچىدە، 13 كىشى سەپتىن چېكىنگەنلىك ياكى ئېلان قىلىشقا بولمايدىغان باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار تەبىئىي ھالدا پيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەمما، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 5- چېسلا چىقارغان ھۆكۈمىدىن شۇنداق بىر مەنە چىقىدۇكى، جازاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 28 كىشى ئىچىدىكى قالغان 15 كىشى، يەنى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان 13 نەپەر رۇسىيە تەنھەرىكەتچىسى بىلەن ئىككى نەپەر ترېنېرىمۇ پيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشالمايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر