خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىر پولات نىياز) چەرچەن ناھىيەسىنىڭ توغراقلىق يېزىسى قوش ئېرىق كەنتىدە ئاياللارنىڭ يەرلىك تائاملار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە كەنت بويىچە 20 ئايال ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى ئەتكەن يەرلىك تائاملاردىن كۆمەچ، پولۇ، پوشكال، قوناق ئۈن چۆچۈرىسى، مانتا قاتارلىق 24 خىل يەرلىك تائامنى قاتناشتۇردى، باھالىغۇچىلارنىڭ ئادىل باھالىشىدا ئۆزگىچە تەم، قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىك ئەكس ئەتكەن ئېسىل تائاملار تېتىپ بېقىش ئارقىلىق باھالاپ چېقىلىپ، دەرىجىگە ئايرىلىپ مۇكاپاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى