خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىر پولات نىياز) چەرچەن ناھىيەسى قۇراملىق يېزىسى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بويان، چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى تېزلەتتى، چارۋىچىلارنىڭ 2017-يىلى ئۈچ ئاي ئىچىدە چارۋىچىلار ئارامگاھى ساياھىتى ئارقىلىق ياراتقان كىرىمى 500 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
2-فېۋرال، قۇراملىق يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس كەسپىي-تېخنىكا مەكتىپىدىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ، يېزا تەۋەسىدىكى چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى ئاچقان 101 چارۋىچىنى ئاشپەزلىك كەسپى بىلەن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆزگىچە يەرلىك تائاملار بىلەن ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ئىقتىسادىي كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نامراتلىقتىن بالدۇراق قۇتۇلۇشىغا يول ئېچىپ بەردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۇرس 2-فېۋرالدىن 13-فېۋرالغىچە ئېچىلىدىغان بولۇپ، چارۋىچىلار يەرلىك تائاملاردىن باشقا جوڭگۇچە ھەر خىل قورۇمىلارنى قورۇشنى ئۆگىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى