باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى

(2018-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى)

2018.02.05 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ــــ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرما، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم تارىخىي ۋەزىپىسى، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقۇسى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

  بىرىنچى، يېڭى دەۋردە يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسەت سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى مۇھىم تايانچ بىلەن تەمىنلىدۇق. بەش يىلدىن بۇيان، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا يېڭى قەدەم بېسىلىپ، دېھقانلار كىرىمى داۋاملىق ئېشىپ، يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى مۇقىم، ئىناق بولدى. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە توپلانغان مول تەجرىبىلەر يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ياخشى ئاساس سالدى.

  يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار زامانىۋىلاشمىسا دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھازىر، ئېلىمىزدە تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يېزا-كەنتلەردىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ، ئاساسلىق ئىپادىسى تۆۋەندىكىچە: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك تەمىنلەش تەلەپتىن ئېشىپ كېتىش ۋە تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش سۈپىتىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بازارنىڭ رىقابەت كۈچىگە ماسلىشىش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېزدىن كۈچەيتىش كېرەك؛ يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قەرزى بىر قەدەر كۆپ، يېزىلارنىڭ مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيە مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك، يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش سىستېمىسى بىر قەدەر ئاجىز، يېزىلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئېغىر، شەھەر-يېزا ئارىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىپ تۇرۇش مېخانىزمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىدە يېزا-كەنتلەر چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىك، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكى، مىليونلىغان دېھقانلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى، كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ تايانچى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە يەر تېرىش مەدەنىيىتى، زور بازار ئېھتىياجى ئاستىدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تامامەن شارائىتىمىز ۋە كۈچىمىز يېتىدۇ. چوقۇم دۆلەت ئەھۋالى، دېھقانچىلىق ئەھۋالىنى مەۋقە قىلىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق نىشان، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر