خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىلارنى قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بەرگەندە، كىنوخانىغا ئاپىرىشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟ بىر ياخشى كىنو، بالىلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. مەسىلەن، كىنولاردىكى گۈزەل كۆرۈنۈشلەر، تەسىر قىلارلىق ھېكايىلەر، شۇنداقلا ھاياتلىقتىكى سەمىمىيلىك، باتۇرلۇق، چىدامچانلىق، مۇھەببەت ۋە ئارزۇلار دېگەندەكلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تېمىلار. مۇشۇنداق مەزمۇنلاردىكى ياخشى كىنولار بالىلارغا تۇرمۇشتا قانداق ياشاش، كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. بۇ قىشتا، بالىلارنىڭ قەلب سەزگۈسىگە يېتىپ بارغۇدەك، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارغا ئىلھام بولغۇدەك قانداق كىنولار بار؟ تۆۋەندىكى كىنولار بالىلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
بۇقا فېردىنەندنىڭ ھېكايىسى
كىنونىڭ تۇنجى قويۇلىدىغان ۋاقتى: 1-ئاينىڭ 19-كۈنى
رېژىسسور: كارلوس سالدانھا
فىلىم ئۇزۇنلۇقى: 106 مىنۇت
«بۇقا فېردىنەندنىڭ ھېكايىسى» ھوللىۋد كارتون فىلىملىرىنىڭ خاس ئۇسلۇبىنى ساقلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا باشتىن-ئاخىرغىچە شاد-خۇراملىق كەيپىيات ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، ھەمدە خۇشاللىق كەيپىيات ئىچىگە تەربىيە سىڭگەن. كىنو 1936- يىلى نەشىر قىلىنغان ئىسپانىيە كىلاسسىك ھېكايىسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. كىنودا ئىسپانىيەدىكى فېردىنەند ئىسىملىك بىر بۇقىچاقنىڭ ئۇقۇشماستىن «بۇقىلار ئائىلىسى» دەپ ئاتىلىدىغان «بۇقا بىلەن ئېلىشىش مەيدانى»غا بېرىپ قېلىپ، ئېلىشىشقا چۈشۈپ قالىدىغانلىقى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېنىغا قايتىش ئۈچۈن دوستلىرى بىلەن بىرگە خەتەرگە تولغان ئۆيگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىدىغانلىقى ھېكايە قىلىنغان.