- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تەيۋەننىڭ خۇاليەن ناھىيەسى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە يەنە بىر قېتىم 6.4 بال يەر تەۋرىدى
2018.02.05 16:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورى مەركىزىي تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-فېۋرال سائەت 21دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە، تەيۋەننىڭ خۇاليەن ناھىيەسى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 6.4 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي پاراللېل 24.2 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 121.72 گرادۇسقا جايلاشقان بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10.0 كىلومېتىر بولغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سائەت 21دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، بۇ دېڭىز رايونىدا 7.4 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي پاراللېل 24.15 گرادۇسقا، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 121.9 گرادۇسقا جايلاشقان، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى يەتتە كىلومېتىر بولغان. تەيۋەن ھاۋارايى تارماقلىرى ئېلان قىلغان خەۋەردە، سائەت 21دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، تەيۋەننىڭ خۇاليەن ناھىيەسىگە يېقىن دېڭىزدا 5.1 بال يەر تەۋرىگەنلىكى ئېيتىلغان.
خۇاليەن ناھىيەسىدە روشەن يەر تەۋرىنىش سېزىمى بولۇپ، نۆۋەتتە، تەيۋەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېخى ئاپەت ئەھۋالى ئۇچۇرلىرى تارقالمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر