- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كادىرلار ئىستۇدېنتلار بىلەن تۇغقانلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
2018.02.05 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ ئاخبارات تورى مۇخبىرى مەدىنۇر ئەخمەت خەۋىرى، فوتوسى) ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىلىق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تۇغقانلىشىش پائالىيىتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىگەرچى يېزىسىنىڭ دېھقانلار شادلىقى كەنتىدە باشلاندى.
پائالىيەتتە، كادىرلار بىلەن تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتقان ئىستۇدېنتلار ئۆزلىرى تەييارلىغان پولوغا ئېغىز تەگكەچ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدىن بىرلىكتە ھوزۇرلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر