باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىستۇدېنتلار ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتتى

2018.02.05 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ ئاخبارات تورى مۇخبىرى مەدىنۇر ئەخمەت خەۋىرى) ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسىدىكى تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتقان ئىستۇدېنتلار ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆز تەجرىبىسىنى كۆپەيتىش بىلەن بىللە، جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتتى.

  قىشلىق تەتىل باشلىنىشى بىلەن ھەرقايسى كەنتلەردىكى تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتقان ئىستۇدېنتلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار، تىپىك ئىش- ئىزلارنى تەشۋىق قىلىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ۋە قېيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  ئىگەرچى يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شياۋ لىمىن مۇنداق دېدى: « نۆۋەتتە خىزمەت تېپىش قېيىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، بىز ئىستۇدېنتلارنى كەنت خىزمىتىگە ياردەملىشىشكە تەشكىللەپ، خىزمەت تەجرىبىسى توپلىشىغا ئاساس سالدۇق، شۇنداقلا ئۇلارنى كەنت ئاھالىلىرىگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش ئارقىلىق، كەنتنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك ھەسىسىنى قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردۇق».

  ئىگىلىنىشىچە، ئىگەرچى يېزىسى قىشلىق تەتىل باشلانغاندىن بۇيان، ھەرقايسى كەنتلەردىكى ئىستۇدېنتلارنى ئائىلىلەرگە كىرىپ 19-قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىلغار ئىدىيە ۋە قانۇن - سىياسەتلەرنى ئاممىغا يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش كەچلىك كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇشقا تەشكىللىگەن.

  قەشقەر تېببىي مەكتىپىنىڭ سېستىرالىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان تۇمارىس قۇربان مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تەتىل قىلىپ كەلسەم تولىمۇ زېرىكىشلىكتەك ھېس قىلاتتىم، بۇ قېتىم كەنتىمىزنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىش بىلەن بىللە، كەچلىك كۇرسقا قاتنىشىش ئارقىلىق خەنزۇ تىلى سەۋىيەممۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەنتىمىزنىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشىمەن».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر