باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11 تارماق «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يېزا- كەنتلەرنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ

2018.02.05 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناش – تىرانسىپورت مىنسىتىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا قاتناش- تىرانسىپورت مىنىستىرى لى شياۋپېڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان، مەركەز ئىشتات ئىشخانىسى، مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، گۈيجۇ ئۆلكىلىك قاتناش- تىرانسىپورت نازارىتى، لياۋنىڭ ئۆلكسى خېيشەن ناھىيەلىك پارتكوم، فۇجيەن ئۆلكىسى يۇڭئەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان.

  11 تارماق سۆھبەت يىغىنىدا بىردەك: «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىدا قارىماققا يول ياسالغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قەلب رىشتىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلايدىغان قۇرۇلۇش، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە بۇرچ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەت زور، دەپ قارىدى. كۆپچىلىك يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئوي-پىكرى ۋە ئۆز رايونى، ئۆز ئورنى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلق خىزمەت، تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نى ياخشى ياساپ، نامرات رايونلارغا ياخشى كەيپىيات، بەخت- سائادەت ئېلىپ كېلىپ، يېزا –كەنتلەرنى جانلاندۇرۇدىغانلىقى ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر