باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى تەسىس قىلىندى

2018.02.05 17:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم «ئاپتونوم رايون بويىچە ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى خىزمەت يىغىنى»نىڭ ئېچىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيەلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى قۇرۇلۇشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىزمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت «يۈرۈشتۈرۈلۈپ»، شىنجاڭنىڭ ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى تەسىس قىلىندى، ناھىيە، شەھەر بويىچە قۇرۇلۇش نىسبىتى %70دىن ئاشتى.بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانا ئۆيلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىككى چارە» دېيىلىدۇ) ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشخانا ئۆيلىرىنى ئېنىقلاش، تۈزەش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەخسۇس خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشخانا ئۆيلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش، بىر تۇتاش تەقسىملەش، بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى سېتىۋېلىش راسخوتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش، مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى چارە»نىڭ ئەمەلىيلىشىشى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  شۇ كۈنى يەنە «ئىككى چارە» توغرىسىدا تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىپ، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئايرىم-ئايرىم «ئىككى چارە»نىڭ تۈزۈلۈش ئارقا كۆرۈنۈشى، ئەھمىيىتى ۋە ئاساسلىق ماددىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر