- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ 10 تۈرلۈك باشلامچى تەتقىقات تۈرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى
2018.02.06 16:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «موزى»، «سۇن ۋۇكۇڭ»، «ئەمەلىيەت 10- نومۇرلۇق» ۋە «ئۆتكۈر كۆز» قاتارلىق بىر قاتار ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھلىرى، ئۆز ئالدىغا پەربا قىلىنغان فوتۇن كومپيۇتېرى ۋە تۇخۇمدان بالدۇر قېرىپ كەتكەن بىمارلارغا غول ھۈجەيرە تېخنىكىسى ئارقىلىق ياردەم قىلىپ، ئۇلارغا تۇغۇش ئۈمىدى ئاتا قىلىشتەك تەتقىقات تۈرلىرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئستىراتېگىيىلىك باشلامچى پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2010- يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەيدىنپەي ھالدا توپلانما ئەۋزەللىكلەرنى شەكىللەندۈردى.
يېقىندا مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە: يەتتە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىستىراتېگىيەلىك باشلامچى پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرى سۈپىتىدىكى A دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرلىرىدىن 17 تۈرلۈك، B دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرلىرىدىن 24 تۈرلۈك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نۆۋەتتە 10 تۈر تەتقىقات نەتىجىسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىندى.
ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا،A دەرىجىدىكى باشلامچى تۈرلەر تەتقىقاتىدا، ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكا ۋە زور جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك چوڭ ھالقىلىق يادرولۇق پەن-تېخنىكا مەسىلىلىرىدە بۆسۈشنىڭ ھاسىل قىلىنىشى، شۇ ئارقىلىق، تېخنىكىدا ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى ۋە يېڭى كەسىپلەرنىڭ شەكىللىنىشى قاتارلىقلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلگەن. B دەرىجىدىكى باشلامچى تۈرلەر تەتقىقاتىدا بولسا، نىشاننى يېڭى پەن-تېخنىكا ئىنقىلابىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان يۆنىلىشكە قارىتىش، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ۋە يېتەكچىلىك رولى بولغان ئىجادىي نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش، كەلگۈسى پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى چوققىسىنى ئىگەللەش، ھەمدە توپلانما ئەۋزەللىك شەكىللەندۈرۈش قاتارلىقلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر