باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ خۇنىڭ: يېڭى دەۋر مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2018.02.06 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى 5- فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن 1- ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىپ، يېڭى تارىخي پەللىدە ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك مەنىۋىي تۈرتكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مەركىزىي كومىتېت مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىغا ئەزا 10 ئورۇندىكى مەسئۇل يولداش سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى سېپى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق مەنىۋىي مەدەنىيلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، دىققەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە يۈزلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى ئاڭلىق قوغداشقا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، غايە- ئېتقاد تەربىيەسى ۋە ئىنقىلابىي روھ تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇانىڭ ئىسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك زور ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋرنىڭ يېڭى كىشىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. ئاممىۋىي مەنىۋىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت، قانۇننىڭ كاپالەتلەندۈرۈش رولى، ئىلغار شەخسلەرنىڭ نەمۇنىلىك روھلى، مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىدىن تەربىيە ئېلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ساپاسى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ھەر يىلى بىر نەچچە ئىشنى پۇختا ھەل قىلىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ سوبېيكتىپلىق روھلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەتنى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر