- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «گۇۋاھنامە ئىجارىكەش»لىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئاشكارىلىدى
2018.02.06 16:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دورا ئوبوروتى، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، قۇرۇلۇش، پاتېنت ۋاكالەتچىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى «گۇۋاھنامە ئىجارىكەش»لىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئاشكارىلىدى.
كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئىجارىكەشلىكى __ ئۆزىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا ئىش ئورنىنىڭ نامىغا ئالدۇرۇپ ھەق ئېلىش ياكى باشقا مەنپەئەتنى كۆزلەش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بۇلتۇر 4-ئايدا «كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئىجارىكەشلىكى قىلمىشىنى مەركەزلىك تۈزەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە دورا ئوبوروتى، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، قۇرۇلۇش، پاتېنت ۋاكالەتچىسى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ گۇۋاھنامە ئىجارىكەشلىكى مەسىلىسىگە زەربە بېرىشنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇردى.
بۇ قېتىملىق مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى ئارقىلىق ئالاقىدار كەسىپكارلار، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇن ئېڭى، قائىدە ئېڭى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، «ئىجارە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق» «ئىجارە ئالماسلىق»تىن «ئىجارە ئېلىشنى خالىماسلىق»قا ئۆزگىرىش دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ گۇۋاھنامە ئىجارىكەشلىك مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشى يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ئىجارىكەشلىك مەسىلىسىگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈش، ئىجارىكەشلىكنى تۈزەشكە ئورتاق قاتنىشىشتەك ياخشى ۋەزىيەت دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارماقلار گۇۋاھنامە ئىجارىكەشلىك مەسىلىسى پەيدا بولۇشنىڭ تۈزۈم مەنبەسىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، ساھەلەرنىڭ ساپا باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەل بولماسلىقىغا قارىتا قاراتمىلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىش ئورۇنلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەتكە بولغان تەلىپىنى ئازلىتىپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، گۇۋاھنامە ئىجارىكەشلىك مەسىلىسىنىڭ يامرىشىنى مەنبەدىن يوقاتتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر