- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى
2018.02.06 16:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا « يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇپ چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
« يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، گۈزەل، ياشاشقا باب يېزا قۇرۇش ___ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، خەلقنىڭ تۈپ بەخت-سائادىتى، يېزا جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىي، ئىناق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردا، جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىزدە يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئەھۋالى ئىنتايىن تەڭپۇڭ ئەمەس، قىسمەن جايلاردا پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار بولۇش مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەلىپى ۋە دېھقانلارنىڭ ئارزۇسى بىلەن يەنە خېلى پەرق بار، بۇ يەنىلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك ھېسابلىنىدۇ. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مەزكۇر لايىھە تۈزۈپ چىقىلدى.
بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ
(1) يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتىن قەتئىي تەۋرەنمەي، سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى، ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى، ئېكولوگىيەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، گۈزەل، ياشاشقا باب يېزا قۇرۇشنى يېتەكچى، يېزىلاردىكى ئەخلەت، پاسكىنا سۇلارنى تىزگىنلەش ۋە يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ھەر جەھەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر خىل بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىدىكى گەۋدىلىك كەمچىلىكنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر