31-يانۋار، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسىدە تارتىلغان قاردىن كېيىنكى تەكلىماكان مەنزىرىلىرى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈندىن بېرى، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە، «ھالاكەت دېڭىزى» تۇمان سۆڭگىسى بىلەن ئورالدى. بىپايان قۇملۇق ئاپپاق قار بىلەن قاپلىنىپ، ناھايىتى چىرايلىق تۈسكە كىردى. تۇتاش كەتكەن ئالتۇن رەڭلىك ئېگىز-پەس قۇم بارخانلىرى ئاپپاق لىباسنىڭ ئاستىدا، قۇملۇقتىكى توغراق ۋە يۇلغۇنلار بىلەن بىرىكىپ، يالت-يۇلت قىلىپ كۆزنى چاقنىتىپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەنىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى