2-ئاينىڭ 5-كۈنى، رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئىشچىلار يولنى تازىلىماقتا.
رۇسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرى باشلىقى سوبيانىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە يازما ئېلان قىلىپ، 3-فېۋرالدىن بۇيان، موسكۋادا قېلىن قار يېغىپ، شەھەر ئىچىدىكى نۇرغۇن دەل-دەرەخلەر ۋە يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىنى قار بېسىۋالغانلىقىنى ھەمدە تالاپەت ئەھۋالى پەيدا قىلغانلىقىنى، مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە ھاۋارايى ئەھۋالى يەنە داۋاملىق ناچارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
موسكۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، شەھەر باشلىقىنىڭ موسكۋانىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى ھەمدە بارلىق يول مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ جىددىي خىزمەت ئەندىزىسىنى قوزغىتىپ، قارلارنى تازىلاپ، كىرزىس ئەھۋالى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى