خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-فېۋرال، غۇلجا شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «غۇلجا شەھىرىنىڭ قىشلىق-ئەتىيازلىق ساياھىتى 12-ئايدا باشلانغان، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، ھەر يىللىق قار-مۇز مەدەنىيەت ساياھىتى بايرىمى <قىشلىق-ئەتىيازلىق ساياھەت> نىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى، بۇ يىل ئەنئەنىۋى تۈرلەردىن باشقا، يەنە بەش لىنىيە بويىچە ساياھەت قىلىش تۈرىنى يولغا قويدۇق، بۇ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ مول تۇيغۇ ئېلىپ كېلىدۇ.»
2017-، 2018-يىللىق شىنجاڭ قىشلىق-ئەتىيازلىق ساياھىتىنىڭ باش تېمىسى بولغان «غۇلجا شەھىرىنىڭ قار-مۇز مەدەنىيەت ساياھىتى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 10-فېۋرال غۇلجا شەھەرلىك «دامېي شى يۈ» (گۈزەل غەربىي يۇرت) قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ پائالىيەتتە قىشلىق سۇ ئۈزۈش، مۇز ئۈستىدە ئارغامچا تارتىشىش، يەككە ۋە قوش تاختىدا قار تېيىلىپ ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق تۈرلەر بار.
غۇلجا شەھىرىنىڭ قىشلىق-ئەتىيازلىق ساياھەت مەدەنىيەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە، ئەنئەنىۋى تۈرلەردىن باشقا، يەنە بەش لىنىيە بويىچە ساياھەت تۈرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇلار غۇلجا شەھىرىنىڭ قار-مۇز مەدەنىيىتى ئىستىراھەت ساياھىتى، ئەتىيازلىق گۈل شەھىرى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى، «خۇش پۇراق قەدىمىي شەھەر ساياھىتى (بىر كۈنلۈك چېگرا ساياھىتى)»نىڭ ئۈچ لىنىيەسىدىن ئىبارەت جەمئىي بەش لىنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى