باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چۆچەك شەھىرىدىكى بازارلاردا چاغانلىق ماللار مول بولدى

2018.02.06 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-فېۋرال، چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ چۆچەك شەھىرى ئاشىلى داغۇر مىللىي يېزىسىنىڭ بازىرى تۈرلۈك چاغانلىق ماللار بىلەن تولدى، باھار بېغىشلىمىسى، چاغانلىق رەسىم، پانۇس، مېۋە-چېۋە، گۆش تۈرلىرى بازارغا لىق تولۇپ، كېلىپ مال سېتىۋالدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، چاغان پۇرىقى قويۇق بولدى.

  توڭشىنكنىڭ ئاشىلى داغۇر مىللىي يېزىسىدىكى بازاردا يايما ئېچىۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى، ئۇنىڭ يايمىسىغا ھەر خىل چاغانلىق مەسنەۋى، بەخت خېتى، پانۇس قاتارلىق بېزەك بۇيۇملىرى تىزىلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشتى.

  ۋاڭ فاگۈي ئاشىلى يېزىسىنىڭ ئاھالىسى، ئۇ ئۆيىدە 50 تۇياقتىن ئارتۇق كالا باققان بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككىسى كالا گۆشى سېتىشقا تايىنىپ جان باقىدۇ، ئۇنىڭ كالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيىدە ئوت-چۆپ بىلەن بېقىلىدىغان كالىلار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى، بۇ يىلمۇ كېلىپ گۆش سېتىۋالىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

  ۋاڭ فاگۈي مۇنداق دېدى: چاغان يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، كالا گۆشى سېتىۋالىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ھەر كۈنى مەن 400 كىلوگرامدىن ئارتۇق گۆش ساتىمەن، ھازىر ئۆيۈمدە يەنە 20 نەچچە تۇياق كالا قالدى، چاغانغىچە كەنتتىكىلەرنىڭ كېلىپ سېتىۋېلىشىغا يېتىدۇ.

  كەنت ئاھالىسى يۈەن چيەنيوڭ مۇنداق دېدى: ھازىر بىر كىلوگىرام كالا گۆشىنىڭ باھاسى 50 يۈەن بولماقتا، باھاسى ئاساسەن بۇلتۇرقى باھا بىلەن ئوخشاش، بۇ يىل مەن 20 كىلوگىرام كالا گۆشى سېتىۋالاي دەپ ئويلىدىم، ئاساسلىقى تۇغقان ۋە دوستلىرىمنى كۈتۈشكە ئىشلىتىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر