باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ يارقىن يەتتە نۇقتا

«بەگلىكلەرنىڭ تەخت تالىشىشى»

2018.02.13 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-، 2018-يىللىق CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسى غەلىبىلىك تاماملاندى، ئاۋالقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە، مەيدان ئىچى ياكى مەيدان سىرتىدا بولسۇن، نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئالدىغا سىلجىتتى، بۇ پەسىللىك 38 مەيدان مۇسابىقىنى قايتا ئەسلىسەك، ئۇنىڭ «بەگلىكلەرنىڭ تەخت تالىشىشى» دەپ سۈپەتلەشكە بولىدۇ.

  ئەڭ يارقىن يەتتە نۇقتا:

  ئەڭ كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان رەت تەرتىپ تالىشىشى:

  بۇ يىللىق CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنى «ئەنسىز يىللاردىكى تالاش-تارتىش» دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدۇ. بۇ يىللىق ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقە باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقە تۈگىگەنگە قەدەر، ھەر قايسى كۈچلۈكلەر بىر-بىرىگە بوي بەرمەيدىغان كۈچ سىنىشىشىنى داۋام قىلىپ كەلدى.

  توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە، ئەڭ بېشىدىكى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى «بىر كۈچلۈك كوماندا مونوپۇل قىلىدىغان» مۇسابىقە ئىدى، 1995-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە 1-ئاۋغۇست كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ تەختىنى مونوپۇل قىلىۋېلىپ، سەككىز يىلدا يەتتە قېتىم چېمپىيون بولدى، ئۇ مەزگىللەردە ھېچقانداق بىر كوماندا 1-ئاۋغۇست كوماندىسى بىلەن كۈچ ئېلىشالمايتتى. 2003-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى «10 يىلدا سەككىز قېتىم چېمپىيون بولۇش ئۇلۇغ نەتىجىسى»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. كۆپ يىللاردىن بېرى، CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كۈچلۈكلەر-ئاجىزلار ئېنىق ئايرىلغان، ئاخىرىغا بارغاندا شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى تالىشىدىغان ھالەت شەكىللەنگەنىدى. «گۇاڭدۇڭ پادىشاھلىقى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى «قەھرىمانلار ھاكىمىيەت تالىشىدىغان دەۋر»گە قەدەم قويدى.

  ئاۋالقى بەش يىلدا، جەمئىي ئۈچ كوماندا ئومۇمىي چېمپىيونلۇق ئورنىدا ئولتۇردى، بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسىلىگە كەلگەندە، CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى ھەقىقىي ھالدىكى «ئەنسىز يىللاردىكى تالاش-تارتىش»نى كۈتۈۋالدى.

  بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، بۇلتۇر چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالغان شىنجاڭ كوماندىسى سەپ شەكلىنىڭ تولۇق بولماي قالغانلىقى سەۋەبىدىن، كوماندا كۈچىدە ئاجىزلاش كۆرۈلدى. كىشىلەر شەندۇڭ، لياۋنىڭ، گۇاڭشيا ۋە گۇاڭدۇڭ تۆت كوماندىنى ئومۇمىي چېمپىيونلۇق تالىشىدىغان قىزىق نۇقتا نامزاتىغا كىرگۈزدى، ئەكسىچە، ئادەتتىكى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن كېيىن، بۇ قىزىق نۇقتا نامزات كوماندىلىرى يېتەرلىك بولغان ھۆكۈمرانلىق كۈچىنى ئىپادىلىيەلمىدى.

  كۈچلۈكلەرنىڭ بەسلىشىش جېڭى پۈتكۈل ئادەتتىكى مۇسابىقە پەسلىگە سىڭدى، پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىرگەن 10 كوماندىنىڭ نومۇر پەرقى ئانچە روشەن ئەمەس ئىدى، ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىغا قەدەر، ئالدىنقى 10 كۈچلۈك كوماندىنىڭ تىزىملىكى ئاندىن مۇقىملاندى. CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلانغان 22 يىلدىن بۇيان، تېخى ھېچبىر مۇسابىقە پەسلى بۇ 2017-، 2018-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىكىدەك كىشىنى جىددىيلىككە سېلىپ باقمىغانىدى.

  ئەڭ كۈچلۈك كوماندا:

  بۇ يىلقىدەك «قەھرىمانلار ئۈستۈنلۈك تالىشىدىغان» مۇسابىقە پەسىلىدە، بىر كوماندىنىڭ ئىلگىرىلىشى ناھايىتى روشەن بولدى، ھەتتاكى چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالالىغىدەك قىياپەتنى ئىپادىلىدى، بۇ كوماندا دەل جېجياڭ گۇاڭشيا كوماندىسى.ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گۇاڭشيا كوماندىسى بىر ئايدىن ئارتۇقراق «بىكار مەزگىل»نى كۈتۈۋالدى، بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ كوماندا ئەزالىرى ياخشى دەم ئېلىپ، چارچاشنى تۈگىتەلەيدۇ، يارىلانغان ماھىرلارغىمۇ يارىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ياخشى پۇرسەت بولدى. لېكىن ئۇزۇن مەزگىللىك دەم ئېلىشتىن كېيىن كوماندىنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى بىرئاز تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

  پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقە ھەقىقىي كەسكىن جەڭ. گۇاڭشيا كوماندىسى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ نىشانى پەقەتلا بىرلا، ئۇ بولسىمۇ چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىش.

  ئەڭ «قارا ئات» نامىغا مۇيەسسەر كوماندا:

  ناۋادا بىر قانچە ھالقىلىق سۆز بىلەن بۇ يىلقى ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىنى ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە، «قارا ئات» ئۇقۇمى چوقۇم بۇ ھالقىلىق سۆزلەرنىڭ ئىچىدە كەم بولمايدۇ.

  2017-، 2018-يىللىق CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسى ھەرگىز بىرلا كۈچلۈك كوماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان چاغ ئەمەس، بۇ پەسىلدە بىر قانچە «قارا ئات» پەيدا بولۇپ، كۈچلۈكلەرنىڭ مۇسابىقە پەسىلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا كۈچلۈك توسالغۇ پەيدا قىلىپ، بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسىلىگە كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان دولقۇن ئېلىپ كەلدى.

  بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ «قارا ئات» شۈبھىسىزكى جياڭسۇ كېندىيا كوماندىسى بولدى.

  ئەڭ قاتتىق بولغان مۇسابىقە باشقۇرۇشى

  2017-، 2018-يىللىق ئادەتتىكى مۇسابىقە پەسلى ئاياغلاشتى، ياۋ مىڭ ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ رەئىسىلىكىگە چىققاندىن بۇيانقى تۇنجى تولۇق بولغان بىر مۇسابىقە پەسىلىدە، نۇرغۇن يېڭىلىقلار بولدى. مەسىلەن، مەيداندا ئۇرۇشىدىغان ئىشلار بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە ئاساسەن يۈز بەرمىدى، CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى «رېپىرلار دوكلاتى» تاپشۇرۇلدى، يەنە سىننى قايتا قويۇش تېخنىكىسى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار ئىشلىتىلدى.

  ئەڭ قالتىس چەت ئەللىك ئەزا:

  ناۋادا، ئادامس بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىكى ئەڭ قالتىس چەت ئەللىك ئەزا دېيىلسە، بەلكىم ھېچكىم قارشى تۇرماسلىقى مۇمكىن. بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسىلىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىدا، شىنجاڭ كوماندىسى ئامالسىزلىقتىن پەقەتلا ئادامستىن ئىبارەت بىر چەت ئەللىك ئەزانىڭ سەپ شەكلى بىلەن ئوينىدى، ئادامس كوماندىنى يېتەكلەپ، مۇھىم مۇسابىقىلەردە كۈچلۈك رەقىبلىرىنى يەڭدى.

  بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە، ئادامس ئوتتۇرىچە ھېسابتا ھەر مەيداندا 40.3 نومۇر ئېلىپ، توققۇز پاس بېرىپ، يەتتە گاردىن قايتقان توپنى تالىشىپ، 2.5 قېتىم توپ تارتىۋېلىشتەك قالتىس سانلىق كۆرسەتكۈچنى تەقدىم ئەتتى. قالتىس بولغان جىسمانىي كۈچ، مۇسابىقىدىكى پەۋقۇلئاددە ئېلىشىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ نۇرغۇن قېتىم كوماندىنى مەغلۇبىيەت گىردابىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى.

  دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئەڭ قالتىس توپچى:

  بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە كىشىنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى، دۆلىتىمىزدىكى توپچىلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىقىشى بولدى.

  سانلىق مەلۇمات يالغان سۆزلىمەيدۇ. دىڭ يەن يۈخاڭ، يى جيەنليەن، ۋۇ چيەن ۋە چېن لىنجيەن بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە بىر مەيداندا 40تىن يۇقىرى نومۇر ئېلىشتەك ماھارەت كۆرسەتتى. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىچىدىكى بىرىنچى توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يى جيەنليەن 1-ئاينىڭ 21-كۈنى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك رەقىبى شەندۇڭ بىلەن ئۇچراشقان مۇسابىقىدە، 46 مىنۇت ئىچىدە، 14 قېتىم توپ تاشلاپ، ھەممىنى چۈشۈرۈپ، بىر مەيدان مۇسابىقىدە 40 نومۇر ئېلىش، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپنى تارتىۋېلىشتەك سانلىق كۆرسەتكۈچنى تەقدىم قىلدى.

  دىڭ يەن يۈخاڭ بۇ مۇسابىقە پەسىلىدىكى ئەڭ كۆپ، ھەر مەيداندا 40تىن يۇقىرى نومۇر ئالغان دۆلىتىمىز ماھىرى، بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە ئۇ جەمئىي تۆت قېتىم 40تىن يۇقىرى نومۇر ئالدى. 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى قارشى تەرەپ مەيدانىدا فۇجيەن كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇ 45 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ، تۆت پاس، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋېلىشتەك قالتىس سانلىق نەتىجىنى تەقدىم ئەتتى ۋە كەسپىي ھاياتىدىكى تاق مەيداندا نومۇر ئېلىش رېكورتىنى يېڭىلىدى.

  كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈش:

  2018-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەركىزىدە، CBA تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس چەت ئەللىك توپچى ماربۇرىي ئۆزىنىڭ 22 يىللىق كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

  2012-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ماربۇرىي بېيجىڭ كوماندىسىنى يېتەكلەپ، تۆت يىلدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولۇشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. تۆت يىلدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولۇش ۋە 2015-يىللىق

  MVP (ئەڭ قىممەتلىك ئەزا) بولۇشتىن باشقا، ئۇ يەنە ئالتە نۆۋەت CBA ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن، ئۇنىڭ كىنوسى ئىشلەنگەن، ئۇ جۇڭگودا مەڭگۈلۈك تۇرۇش يېشىل كارتىسىغا ئېرىشكەن، «ماربۇرىي ئائىلىسى»نى ئاچقان. ۋۇ كېسۇڭ (بەش تۈپ قارىغاي) تەنتەربىيە زالىنىڭ سىرتىغا ئۇنىڭ ھەيكىلى قاتۇرۇلغان، ئۇ ئاللىقاچان بېيجىڭغا كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ قەھرىمانىغا ئايلانغان.

  2018-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى قارشى تەرەپ مەيدانىدا گۇاڭجۇ كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقاندا، 40 ياشلىق ماربۇرىي 47 نومۇر، سەككىز گاردىن قايتقان توپ، بەش پاس، ئۈچ قېتىم توپ تالىشىپ ئېلىشتەك كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق سانلىق كۆرسەتكۈچكە ئېرىشىپ، CBA تارىخىدىكى تۇنجى يېشى 40تىن ئاشسىمۇ يەنە مۇشۇنداق سانلىق كۆرسەتكۈچ ئالالايدىغان ئادەم بولۇپ قالغان.

  ئۆزىنىڭ مەيدانىدا ئوينىغان ئەڭ ئاخىرقى مەيداندا، ماربۇرىي 20دىن ئارتۇق نومۇر ئالغان، مۇسابىقىدىن كېيىن ماربۇرىي مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ، تاماشىبىنلارغا قاراپ خوشلاشقان ۋە مۇنداق دېگەن: «مەن CBAدە ئۈچ قېتىم ئومۇمىي چېمپىيون بولدۇم، CBA مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكى ئەڭ يارقىن بىر قىسمى. توپ مەستانىلىرى ماڭا ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇردى، مەن سىلەرگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئىلگىرى مېنىڭ ماڭغۇدەك يولۇم قالمىغاندا، سىلەر ماڭا قۇچاق ئاچقان، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ قان-تومۇرىمىز زىچ ئۇلاشقان،...» ما بۇلىنىڭ گېپىدىن مەيداندىكى بېيجىڭ توپ مەستانىلىرى تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەن.

  نۆۋەتتە، بۇ يىللىق CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، مەيلى مۇسابىقىنىڭ كەسكىن ۋە سەرخىل دەرىجىسىدىن بولسۇن ياكى بىرلەشمە مۇسابىقە مۇھىتى قاتارلىق تاشقى ئەسلىھەلەرنىڭ ياخشىلىنىشى جەھەتتىن بولسۇن، بۇ يىلقى ئادەتتىكى مۇسابىقە پەسىلى CBA تارىخىدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق بولغان بىر پەسىل ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر