باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى يۇرتداشلارنىڭ باشتىن-ئاخىر غېمىنى يەپ كەلدى

2018.02.12 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىبەيپو بازىرى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىنيى شەھىرى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ گۇتيەن ناھىيەسى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن شەھىرى، گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ زۈنيى شەھىرى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭگاڭشەن شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جىجەي ناھىيەسى قاتارلىق كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا كۆپ قېتىم بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: يەرلىكتە خىزمەت قىلغاندا، مەن ئىزچىل كونا ئىنقىلابىي رايون قۇرۇلۇشىنى تۇتقان، شۇڭا كونا ئىنقىلابىي رايونغا مېھرىم بار. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرسى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ، بولۇپمۇ كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى ئۇنتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇ بارغانلا يېرىدە كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ غېمىنى يېدى. ئۇ قايتا-قايتا مۇنداق تەكىتلىدى:«كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك قەسىمى.»

  «باش شۇجى كونا ئىنقىلابىي رايونىمىزدىكى يۇرتداشلارنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى»، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى بىلەن ئۇچراشقان كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى بەش يۇرتداشنى زىيارەت قىلدىم، كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سالدىم. كونا ئىنقىلابىي رايون خەلقى، كەنتتىكىلەر باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىدىن شۇنچىلىك مىننەتدار ئىكەن.

  جىڭگاڭشەن شەھىرى ماۋپىڭ يېزىسى

  يۇرتداشلار باش شۇجىنىڭ سۆزىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ

  [2- ئايدىكى جىڭگاڭشەندە قەھرىتان سوغۇق بولۇۋاتقانىدى. جياڭشى ئۆلكىسى جىڭگاڭشەن شەھىرى ماۋپىڭ يېزىسى شېنشيەن كەنتىدىكى قىزىل ئارمىيە ئەۋلادى زو شيۇفا بوۋاي تاش ھاۋانچىغا قارىغىنىچە ئۈنگە ئېلىنغان ئاۋازنى ئاڭلاپ كۆڭلى باشقىچە خۇشال بولۇپ كەتتى. ئىككى يىل ئىلگىرى چاغاننىڭ ئالدىدا، باش شۇجى 3- قېتىم جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي كونا رايونىغا كېلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلاپ، يەنە زو شيۇفاغا چاغانلىق بويۇم بەرگەن. زو شيۇفا بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ: باش شۇجىنىڭ سوۋغىسىنى ئالىدىغانلىقىمىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن! دېدى.]

  ئائىلىمىزدىكى 13 نوپۇس مېھمانخانا ئۆيىمىزدە باش شۇجىنى خۇشال كۈتۈۋالدۇق، ئۇ ھەممىمىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. باش شۇجى بوۋام، قىزىل ئارمىيە كانايچىسى زو گۈيلىننىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار گۇۋاھنامىسىنى كۆرۈپ: بوۋاڭلار دۆلەتكە تۆھپە قوشقان، سىلەرنى بەختلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرىمىز، دېدى. باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  مېنىڭ بۇ ياشانغانلار يان تېلېفونۇم كونىراپ قالغان بولسىمۇ، بىراق بەك قىممەتلىك. بۇنىڭغا باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئېلىۋالغان، دائىم قويۇپ ئاڭلايمەن. يۇرتداشلار باش شۇجىنىڭ سۆزىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ، ئاڭلىغانسېرى خۇشال بولۇپ كېتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر