- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كارخانىچىلار چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن يىتىم بالىلاردىن ھال سورىدى
2018.02.07 13:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ ئاخبارات تورى مۇخبىرى مەدىنۇر ئەخمەت خەۋىرى) ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2-ئاينىڭ 7-كۈنى كارخانىچىلار 5000يۈەن قىممىتىدىكى يېمەك-ئىچمەك ۋە ئاياغ قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەركىزىدىكى 150تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىدىن چاغانلىق ھال سورىدى.
ھال سوراش پائالىيىتىدە، ئايكۆل بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك كادىرلىرى ۋە ساخاۋەتچى كارخانىچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بايراملىق سوۋغاتلارنى تارقىتىپ بەرگەچ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ۋەتەن، خەلققە ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئايكۆل بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: چاغان يىتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاقسۇ شەھەرلىك پاراۋانلىق مەركىزىدىكى بالىلارغا ئايكۆل بازىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ كەلدۇق، بالىلارنىڭ خوشاللىقلىرىنى كۆرۈپ بىزمۇ خۇش بولدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بالىلارغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقىنى تېخىمۇ كۆپ يەتكۈزىمىز.
ئاقسۇ شەھەرلىك پاراۋانلىق مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەربىيە تۇرغۇن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۈگۈن تاغا-ھەدىلىرىمىز بىزگە يېمەك-ئىچمەك ۋە ئاياغلارنى ئېلىپ كەپتۇ، بۇنىڭدىن بەك خوشال بولدۇم، ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسىدە تاغا-ھەدىلىرىمدەك كۆپلەپ ياخشى ئىش قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر